خىتايدا يېڭىدىن ئېچىلغان چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش تور بېتى گە كىرىش قىيىن
خىتايدا يېڭىدىن بىر 'چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش تور بېتى' ئېچىلغان بولۇپ، تورغا كىرىپ مەسىلە پاش قىلىدىغان، باھا يازىدىغان ئادەم كۆپ بولغانلىقتىن، بۇ تور بېتى بىر كۈن ئۆتمەيلا تىقىلىپ، ھېچكىم تورغا كىرەلمەيدىغان بولۇپ قالغان.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن بايان قىلىشىچە، 'چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش تور بېتى'نىڭ قۇرۇلغانلىقىنى مەملىكەتلىك چىرىكلىكتىن ساقلىنىش ئىدارىسى دېگەن ئورگان 12 - ئاينىڭ 18 - كۈنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ تور بېتىدە خەلقنىڭ ئەرز-شىكايەت قىلىشى رۇخسەت قىلىنغان ئىدى.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، 12 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تاڭ ئېتىپ بولغۇچە، بۇ تور بېتىگە 250 پارچە ئوبزور چاپلانغان. ئۇنىڭدا ئاساسەن كوممۇنىست پارتىيىنىڭ 'خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرۇش' دېگەن شوئارىنىڭ يالغانلىقى، ئەمەلىيەتتە مۇشۇ شۇئاردىن كېيىن كوممۇنىست ئەمەلدارلىرىنىڭ خىيانەتچىلىك ھەرىكەتلىرى بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقانلىقى، دېھقانلارنىڭ بولسا نامراتلىشىپ مائارىپسىز قېلىۋاتقانلىقى قاتارلىق مەزمۇنلار بايان قىلىنغان. ھازىر بۇ تور بېتى كىرىدىغان ئادەمنىڭ كۆپلىكىدىن تىقىلىپ قالماقتا. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- كىشىلىك ھوقۇق بىرىنچى ئىتتىپاقى خىتاينىڭ ئىنتېرنېتنى چەكلەش ھەرىكەتلىرىنى ئەيىبلىدى
- ئامېرىكا ئىنتېرنېت بىخەتەرلىك شىركىتى خىتاينى ئىنتېرنېت جاسۇسلۇقى بىلەن ئەيىپلىدى
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتېتى"يەرشارى ئىنتېرنېت ئەركىنلىك قانۇنى" ماقۇللىدى
- خىتايدا مۇخبىرلارنىڭ رىئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرۈش ھوقۇقى توسقۇنلۇققا ئۇچرىماقتا
- كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن رادىكال ماۋچىلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت كەسكىن
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنتېرنېتتىكى 'بلوگ' تور پونكىتلىرىنى مەجبۇرىي تىزىمغا ئالدۇرۇشتىن ۋاز كەچتى
- خىتاي بۇ يىلمۇ ئىنتېرنەتكە دۈشمەن دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى
- خىتاي ئىنتېرنېت ئالاقىسىگە بولغان كۆزىتىش، تەكشۈرۈش ۋە تەقىب قىلىش تېخنىكىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتمەكچى
- بۇندىن كىيىن خىتايدا ئىنتېرنېت تورخانىسى ئېچىشقا تەستىق بېرىلمەيدۇ
- خىتايدا 100 مىڭ كومپارتىيە ئەزاسى چىرىكلىك مەسىلىسى تۈپەيلىدىن جازالاندى