خىتايدا يېڭىدىن بىر 'چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش تور بېتى' ئېچىلغان بولۇپ، تورغا كىرىپ مەسىلە پاش قىلىدىغان، باھا يازىدىغان ئادەم كۆپ بولغانلىقتىن، بۇ تور بېتى بىر كۈن ئۆتمەيلا تىقىلىپ، ھېچكىم تورغا كىرەلمەيدىغان بولۇپ قالغان.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن بايان قىلىشىچە، 'چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش تور بېتى'نىڭ قۇرۇلغانلىقىنى مەملىكەتلىك چىرىكلىكتىن ساقلىنىش ئىدارىسى دېگەن ئورگان 12 - ئاينىڭ 18 - كۈنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ تور بېتىدە خەلقنىڭ ئەرز-شىكايەت قىلىشى رۇخسەت قىلىنغان ئىدى.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، 12 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تاڭ ئېتىپ بولغۇچە، بۇ تور بېتىگە 250 پارچە ئوبزور چاپلانغان. ئۇنىڭدا ئاساسەن كوممۇنىست پارتىيىنىڭ 'خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرۇش' دېگەن شوئارىنىڭ يالغانلىقى، ئەمەلىيەتتە مۇشۇ شۇئاردىن كېيىن كوممۇنىست ئەمەلدارلىرىنىڭ خىيانەتچىلىك ھەرىكەتلىرى بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقانلىقى، دېھقانلارنىڭ بولسا نامراتلىشىپ مائارىپسىز قېلىۋاتقانلىقى قاتارلىق مەزمۇنلار بايان قىلىنغان. ھازىر بۇ تور بېتى كىرىدىغان ئادەمنىڭ كۆپلىكىدىن تىقىلىپ قالماقتا. (ۋەلى)