ھازىر داۋالىنىش مەسىلىسى خىتايدا خەلق ئەڭ كۆپ قايغۇرۇۋاتقان مەسىلە
2008.01.09
يېقىندا خىتاينىڭ 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلاردىكى 1836 ناھىيىسىدە 101مىڭ 29 ئائىلىنى تەكشۈرگەندە مەلۇم بولغان ئەھۋاللارغا قارىغاندا، مۇتلەق كۆپ سانلىق ئائىلە خىتايدا ھازىر داۋاملىشىۋاتقان داۋالاش تۈزۈمىگە نارازى.
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەتنىڭ داۋالاش تارماقلىرىغا بېرىدىغان قوشۇمچە پۇل قىسقارتىلىپ، پايدا بىلەن زىيانغا دوختۇرخانىلار ئۆزى مەسئۇل بولىدىغان سىياسەت قوللىنىلغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن دوختۇرخانىلار داۋالاش خادىملىرىنىڭ تەمىناتىنى ئاشۇرۇشتا دورا باھاسىدىن پايدىلىنىدىغان بولدى، يەنى دورا باھاسى يۇقىرى ئۆرلىدى.
نامرات رايونلاردا خەلقنىڭ دورا باھاسىغا ياكى دوختۇرلارغا 'سۈيۈنچى' بېرىشكە قۇربى يەتمىگەنلىكى ئۈچۈن، جىددىي كېسەلگە گىرىپتار بولسا، داۋالىنالماي ئۆلۈپ كېتىدىغان ھادىسىلەر كۆپەيدى. بۇ خەلق ئىچىدىكى ئەڭ كۆپ نارازىلىق ئىدى.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا داۋالاش تارماقلىرىغا سالىدىغان مەبلەغنى كۆپەيتىش، دورا باھاسىنى تۆۋەنلىتىش، دوختۇرخانىلار بىلەن دورا مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش تارماقلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ تاشلاش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا باشلىدى. ئەمما خىتايدا بۇ مەسىلىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ تۈزۈملىرىنى ئۆزگەرتمەي، پەقەت تەدبىر قوللىنىش ئارقىلىقلا ھەل بولۇپ كېتىشىگە مۇتلەق كۆپ سانلىق خەلق يەنىلا ئىشەنمەيدۇ. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتايدا ئۆتكەن 15 يىل ئىچىدە داۋالىنىش راسخوتى 19 ھەسسە ئۆرلىگەن
- مۇتەخەسسىسلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنى سەھىيە ساھەسىدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا ئۈندىدى
- سىچۇەندىكى نامايىش داۋاملاشماقتا
- بېيجىڭ شەھىرىنىڭ سابىق باشلىقى چىن شىتۇڭ داۋالىنىش ئۈچۈن كاپالەتكە قويۇپ بېرىلدى
- گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى يۈ فۇسەينىڭ داۋالىنىشىغا ئىقتىسادىي ياردەم قىلدى









