خىتايدا خىزمەتكە ئورۇنلىشالمىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سانى يىلسېرى كۆپەيمەكتە
-
2008-01-03 -
-
-
جۇڭگۇ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى 3 - يانۋار كۈنى "جەمئىيەت كۆك تاشلىق كىتابى" نى ئېلان قىلىپ، نۆۋەتتە خىتايدا ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن بىر مىليون ئوقۇغۇچىنىڭ خىزمەت ئورنىغا ئېرىشەلمىگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىدىكى بىر ئەمەلدار ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتە ھازىرلىغان دوكلاتىدا، ئىشسىزلىق بازىرىنىڭ جىددىيلىكى بولۇپمۇ، ئالىي دەرىجىلىك ئەمگەك بازىرىدا ئېغىر دەرىجىدە كۆرۈلۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، 2007 - يىلى پۈتۈن خىتاي بۇيىچە ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن 5 مىليون ئوقۇغۇچىدىن بۈگۈنگە قەدەر 1 مىليونىنىڭ خىزمەت تاپالمىغانلىقىنى، بۇنىڭ خىتايدا ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى مەيدانغا كەلتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتايدىكى ئەڭ داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن بىرى ھېسابلانغان چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالى %1 كىمۇ يەتمىگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئەكسىچە ئامېرىكىدا ئوخشاش يىلدا ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر قايسى ساھەلەر بۇيىچە خىزمەت تېپىش نىسبىتى 23 پىرسەنتتىن 25 پىرسەنتكىچە توغرا كېلىدىكەن.
ئىنكاسلارغا شۇنىڭدەك خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا ئاشكارىلانغان ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، خىتايدا ئىشقا ئورۇنلىشالمايۋاتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا ئۇيغۇرلار خېلى كۆپ نىسبەتنى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۆزىدە ئىدارە - ئورگانلارنىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېلانلىرىدا ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا " ئۇيغۇر مىللىتى خىزمەتكە قوبۇل قىلىنمايدۇ " دېگەندەك شەرتلەر كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىكەن. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي، ئۇيغۇر ئېشىنچى ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش سىياسىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرماقتا
- خىتاي ئۇيغۇر يېزىلىرىدىن ھەر يىلى 300 مىڭ كىشىنى يۆتكىمەكچى
- ئون مىڭلىغان ئازاتلىق ئارمىيە ئوفىتسېرى مەمۇرىي خىزمەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلماقچى
- خىتاي ئوقۇغۇچىلارنى ئۇيغۇر ئېلىغا ماكانلاشتۇرۇش تەدبىرلىرى ئىشقا ئاشۇرۇلماقتا
- كېرىيىدە يېزا نوپۇسىنىڭ يېرىمى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش باھانىسىدا سىرتلارغا يۆتكەلگەن
- خىتاي ئەلچىخانىسى قىزلار مەسىلىسىگە ئىنكاس قايتۇردى
- رامىزان مەزگىلىدە ئالىي مەكتەپلەردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ روزا تۇتۇشى چەكلەنگەن
- ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش ئىشلىرى داۋاملاشماقتا
- خىتايدا بالا ئىشچىلارنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىش مەسىلىسى كۈنسېرى جىددىيلەشمەكتە
- ئۈرۈمچىدە خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ھەققىدە چاپلانغان بىر خىتايچە ئېلان ئىنتېرنېتكە چىقتى