خىتاينىڭ ئەنخۇي ئۆلكىسىدە ھەربىي ئاكادېمىيە ئوقۇغۇچىلىرى ئىسيان كۆتەردى
2007.11.30
خىتاينىڭ ئەنخۇي ئۆلكىسى خېفېي شەھىرىدىكى ئازاتلىق ئارمىيە توپچى قىسىملار ئاكادېمىيىسىدە توپىلاڭ يۈز بېرىپ، ئوقۇغۇچىلار بىلەن دائىرىلەر ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىققان ھەمدە ئوقۇغۇچىلار، ئاكادېمىيىنىڭ ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىنى، ئىشىك -دېرىزە ۋە پارتىلارنى ئۇرۇپ چاققان. خەۋەرلەردە ئەسكەرتىشىچە، توقۇنۇش جەريانىدا قان تۆكۈلۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇشى مۇمكىن.
رادىئومىزنىڭ ئىگىلىشىچە، توپىلاڭنىڭ يۈز بېرىشىگە توپچى قىسىملار ئاكادېمىيىسىنىڭ 4 - يىللىقىدىكى ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ دېپلومىنىڭ ئېتىراپ قىلىنمايدىغانلىقىغا نارازى بولۇپ نامايىش قىلسا، دائىرىلەرنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغانلىقى سەۋەبچى بولغان. لېكىن خېفېي شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ۋە ئاكادېمىيە دائىرىلىرى بۇنداق بىر ئىشتىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ۋەزىيەت پەيشەنبە كۈنى ئاساسەن پەسىيىپ، ئوقۇغۇچىلار جۈمە كۈنى ئوقۇش باشلىغان. خېفېي ئازاتلىق ئارمىيە توپچى قىسىملار ئاكادېمىيىسىدە يۈز بەرگەن ۋەقە، خىتاي ھەربىي- ئەدلىيە سېستىمىسىدا يېقىنقى 3 ئايدىن بېرى يۈز بەرگەن تۇنجى ۋەقە ئەمەس. بۇنىڭدىن بۇرۇن تېخى يېقىندىلا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدە شىنجاڭ ئەدلىيە - ساقچى مەكتىپىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، قوراللىق ساقچىلارنىڭ ئارىلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.
رادىئومىزنىڭ ئىگىلىشىچە، ۋەقەنى قوزغىغانلار ئوقۇش پۇلىنى ئۆزى كۆتۈرىدىغان " ۋاكالىتەن تەربىيىلەش سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى" ئىكەن. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي بىخەتەرلىك تارماقلىرى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىدا نامايىش ئېلىپ بارغانلار قاتتىق جازالىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
- تيەنئەنمېن نامايىشىدا تۈرمىگە تاشلانغان لى ۋېيخۇڭ قويۇۋېتىلدى
- خوڭكوڭلىقلار ئومۇمىي سايلام ئۆتكۈزۈش نامايىشى ئېلىپ باردى
- گۇاڭشى ياڭشۇ ناھىيىسىدىكى ئامما ھۆكۈمەت ۋە ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشتى
- سەندۇڭدا تۇڭگانلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ بىر ئادەم ئۆلدى
- تيەنئەنمىن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە قاتناشقان 100 نەپەر ئەتراپىدا سىياسىي پائالىيەتچى تېخىچە تۈرمىدە
- خىتايدا نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ئىزچىل تۈردە يۈز بەرمەكتە
- خىتاي ھۆكۈمىتى تيەنئەنمىن ۋەقەسىدىكى نامايىشچىنى 18 يىلدىن كېيىن قويۇپ بەردى
- خۇ جىنتاۋ 1 - ئىيۇل كۈنى خوڭكوڭدا نامايىش باشلىنىشتىن بۇرۇن بېيجىڭغا قايتىدىكەن
- جېجياڭ ئۆلكىسىدە ئۆيىدىن كۆچۈشكە مەجبۇرلاش سەۋەبىدىن توقۇنۇش يۈز بەردى