جىنسى پەرق نىسبىتىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق خىتاي جەمئىيىتىدە بويتاق قېلىش مەسىلىسىنى ئېغىرلاشتۇرماقتا


2008.03.11

خىتاينىڭ ئىككى يىغىن ھەققىدىكى مەخسۇس تور بېتىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي نوپۇسىدىكى ئەر ‏- ئايال جىنسىي پەرق نىسبىتىنىڭ بارغانچە زورىيىشى بىلەن نىكاھ يېشىدىكى ئەرلەرنىڭ لايىقسىز قېلىشىدەك مەسىلە بارغانچە ئېغىرلاۋاتقان بولۇپ، مەزكۇر مەسىلە خىتاي سىياسىي كېڭەش ھەيئەت ئەزاسى، خىتاي دۆلەتلىك پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى مۇدىرى جاڭ ۋېيچىڭ تەرىپىدىن ئىككى يىغىن جەريانىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نوپۇس دوكلاتىدا كۆرسىتىشىچە، خىتايدا نوپۇس تەڭپۇڭسىزلىق مەسىلىسى بارغانچە ئېغىرلاۋاتقان بولۇپ، بولۇپمۇ ئەر ‏- ئاياللارنىڭ نىسبەت پەرقى ئەڭ جىددىي قاراشقا تېگىشلىك نوپۇس مەسىلىسى ئىكەن.

يەنى، دوكلاتتا كۆرسىتىلگەن ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 1970 - يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغانلارنىڭ ئارىسىدا ئوغۇللارنىڭ نىسبىتى ئوخشاش مەزگىلدە تۇغۇلغان قىزلارنىڭكىدىن پەۋقۇلئاددە يۇقىرى بولۇپ 24 ياشتىن 34 ياشقىچە بولغان ئەرلەرنىڭ لايىق تېپىشىنىڭ تەس بولۇشى، خىتاي جەمئىيىتىدىكى كرىزىسنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.

نوپۇستىكى بۇ خىل تەڭپۇڭسىزلىقنىڭ بارغانچە كېڭىيىشى جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، جاڭ ۋېيچىڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر مەسىلىنىڭ ئاقىۋىتىنى قىياس قىلىش ھەم باھالاش تەس شۇنداقلا بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىم ئىشلار كۈن تەرتىپىگە قويۇپ ھەل قىلىشى ئۈچۈن ئۇزۇن مۇددەت تەلەپ قىلىدىغان مەسىلە ئىكەن.

مەزكۇر مەسىلە خىتاينىڭ نوپۇس سىياسىتىگە مەسئۇل ئەمەلدارلار تەرىپىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىگە جىددىي چاقىرىق ۋە ئاگاھلاندۇرۇش سۈپىتىدە قايتا ‏- قايتا تەكىتلەنگەن مەسىلە بولۇپ، مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدا بىر پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى ئوتتۇز نەچچە يىل جەريانىدا، خىتاي مىللىتىنىڭ ئوغۇلنى قەدىرلەش، قىزلارنى تۆۋەن كۆرۈش ئېڭى يەنىمۇ گەۋدىلەنگەن بولۇپ، ھامىلىنىڭ جىنسى پەرقىنى بىلگەندىن كېيىن ئوغۇل بولسا تۇغۇش، قىز بولسا چۈشۈرۈۋىتىشتەك قىلمىشلار نەچچە ئون يىل داۋام قىلغان شۇنداقلا بۇ بۈگۈنكى كۈندە خىتايدا ئەرلەرنىڭ ئوخشاش ياشتىكى ئاياللاردىن پەۋقۇلئاددە كۆپ بولۇشىدەك تەڭپۇڭسىىزلىققا سەۋەب بولغان.

خىتاي نوپۇس مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي نوپۇسىدىكى جىنسىي پەرق نىسبىتى مۇشۇ سۈرئەت بۇيىچە ماڭسا 2020 - يىلغا بارغاندا، خىتايدا 24 مىليون ئەر بويتاق قالىدىكەن. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.