كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقوقى ھەققىدىكى تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى
2007.12.21
21- دېكابىر جۈمە كۈنى، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاندىلىزا رايسقا خەت يوللاپ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقوق خاتىرىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە قانداق پىلانى بارلىقىنى 2008- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكىدىن بۇرۇن جامائەتكە چۈشەندۈرۈشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سۇفى رىچاردسون خانىم، پرېزىدېنت بۇشنىڭ 2008- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكىنى ئېچىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلغانلىقى ۋە باشقا دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىنى، خىتاي ھازىر ئۆزى يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەت ۋە قىلمىشلىرىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەستىقىغا ئېرىشكەنلىكى، دەپ سۈرەتلەيدىغانلىقىنى كۆرسەتتى ۋە "شۇ خىلدىكى خاتا چۈشەنچىنى بېرىپ قويماسلىق ئۈچۈن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى چوقۇم، خىتايدا ئىزچىل داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدىدا قانداق ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقى ھەققىدە جامائەت ئالدىدا بايان قىلىش كېرەك" دېدى.
خىتايدا ئۆتكۈزىلىدىغان ئولىمپىك يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، ئاخبارات ئەركىنلىكى، ئاققۇن ئىشچىلارنىڭ خورلىنىشى، ئولىمپىككە مۇناسىۋەتلىك قۇرۇلۇشلارنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن تۈركۈم-تۈركۈملەپ مەجبۇرىي ئائىلە كۆچۈرۈش، قارشى پىكىردىكىلەرنى جىمىقتۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نەزەربەنتكە ئېلىش قاتارلىق چوقۇم تىلغا ئېلىنىش زۆرۈر بولغان تۆت نۇقتىنى رەتكە تىزدى.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئولىمپىك بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئىشلىرىغا قايسى جەھەتلەردە ئارىلىشىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشكە ۋە ئامېرىكا-خىتاي يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا قىستىدى.
رىچاردسون خانىم يەنە، "بىز ئامېرىكا ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ كېلەر يىل ئاۋغۇستتىن بۇرۇن خىتاي ھۆكۈمىتىدىن كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش تەرەپلەردە نېمىلەرنى كۈتىدىغانلىقىنى بېكىتىپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز" دېدى.
2008- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچراپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكىلىق كىنو چولپىنى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى مىيا فارروۋ خانىم خىتاينىڭ دارفۇردا قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان سۇدان ھۆكۈمىتىنى قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەپ، بېيجىڭ ئولىمپىكىنى "قىرغىنچىلىق ئولىمپىكى" دەپ ئاتاپ، بايقۇت قىلىش پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى، ئادەتتىن تاشقىرى دىققەتكە سازاۋەر بولماقتا
- چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ياۋروپا پارلامېنتنىڭ خىتايدا پىكىر ئەركىنلىكىنى يولغا قويۇش ھەققىدىكى قارار لايىھىسىنى ئالقىشلىدى
- كىشىلىك ھوقۇق بىرىنچى ئىتتىپاقى خىتاينىڭ ئىنتېرنېتنى چەكلەش ھەرىكەتلىرىنى ئەيىبلىدى
- دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ باش كومىسسارى بايانات ئېلان قىلدى
- تەيۋەندە سىياسىي جىنايەتچىلەر تۈرمىسى كىشلىك ھوقۇق باغچىسىغا ئۆزگەرتىلدى
- كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينى مەتبۇئاتقا بولغان كونتروللۇقنى بىكار قىلىشقا چاقىردى
- خىتاينىڭ ئولىمپىك ھارپىسىدىمۇ كىشىلىك ھوقۇقنى داۋاملىق دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانماقتا
- كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى: خىتاي مەكتەپلىرىدە ئۆسمۈرلەرنى ئەمگەككە ئېلىش ئىشلىرى مەۋجۇت
- خەلقئارا مۇخبىرلار تەشكىلاتى ئولىمپىك كومىتېتىنى خىتاي مەسىلىسىدە ئەيىبلىدى
- ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق سۆھبىتى باشلاندى