خىتاي ساقچىلىرى نامايىشچىلارغا ياش ئاقتۇرۇش بومبىسى ئاتتى


2007.12.21

20- دېكابىر پەيشەنبە كۈنى جەنۇبى خىتايدا خىتاي ساقچىلىرى، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تىرىكچىلىك قىلىدىغان يەرلىرىنى ئادالەتسىزلىك بىلەن ئىگىلىۋالغانلىقىغا قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىۋاتقان مىڭدەك نامايىشچىغا ياش ئاقتۇرۇش بومبىسى ئېتىپ ئۇلارنى تارقاقلاشتۇردى.

مەلۇم بولۇشىچە، نامايىش گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ دۇڭجۇ يېزىسىدا 20 - دېكابىر كەچقۇرۇن سائەت 4لەردە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، نەق مەيدانغا يۈزلىگەن دېھقانلار يىغىلغان.

رادىئومىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تولۇق قوراللانغان مىڭدىن ئارتۇق قوراللىق ساقچى قىسىم ئەسكەرلىرى ۋە نامايىشىنى باستۇرۇش ئەترىتى ئەزالىرى دۇڭجۇ يېزىغا كىرگەن ۋە كىرىش ئېغىزنى قامال قىلىپ، نامايىشچى ئاممىنىڭ مەزكۇر يېزىدىكى خەيۋەن ئېلېكتىر ئىستانسىسى ۋە توك تەقسىملەش مۇنارىسى ئىش مەيدانىغا قاراپ سۈرۈلۈشىنى توسىغان. ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر كىشى ساقچىلارنىڭ نامايىشچىلارغا ياش ئاقتۇرۇش بومبىسى ئاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

نەتىجىدە ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ كۈچ كۆرسىتىپ قاتتىق باستۇرۇشى ئارقىسىدا، نامايىش بېسىقتۇرۇلۇپ توك تەقسىملەش مۇنارى قۇرۇلۇشى داۋاملاشتۇرۇلغان.

ئىككى يىل ئىلگىرى دۇڭجۇدا ھۆكۈمەت ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى مەجبۇرىي ھالدا تارتىۋالغاندىن كېيىن دېھقانلار قارشىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش قىلغاندا ساقچىلار نامايىشچىلارغا ئوق چىقىرىپ 3 ئادەمنى ئۆلتۈرگەن ئىدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتايدا يەرلەرنىڭ قالايمىقان ئىگىلىۋېلىنىشىنى سەۋەبلىك دېھقانلار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا ھەر خىل شەكىلدىكى توقۇنۇشلار يۈز بېرىپ كېلىۋاتقان بولۇپ بۇ نۆۋەتتىكىسىمۇ شۇ خىلىدىكى نارازىلىق نامايىشىنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.