خىتايدا ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ئىزچىل تۈردە يۈز بەرمەكتە


2007.12.20

خىتاينىڭ بىر قانچە جايلىرىدا ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكەتلىرى ئارقا ‏- ئارقىدىن يۈز بەرگەن بولۇپ، نۆۋەتتە ساقچىلار نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەرنى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بارماقتا.

ئىستانسىمىزنىڭ ئىگىلىشىچە، 19 ‏- دېكابىر كۈنى شاڭخەي شەھەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ يىللىق خىزمەتلىرىنى خۇلاسىلاش يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان پەيتتە 200 دىن ئارتۇق ئادەم يىغىن زالى ئالدىدا ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەن، گەرچە نامايىش تىنچلىق يوسۇندا ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، ساقچىلار ھازىرغا قەدەر 100 دىن ئارتۇق نامايىشچىنى مەخپىي تۈرمىگە تاشلىغان.

20 ‏- دېكابىر كۈنى يەنە، خۇ بېي ئۆلكىسىنىڭ 20 نەچچە ناھىيىسىدىكى خەلق ئوقۇتقۇچىلىرى، خۇ بېي ئۆلكىلىك ئەرزىيەت ئىشخانىسىغا بېرىپ، پېنسىيە مەسىلىسى توغرىسىدىكى شىكايىتىنى سۇنۇش بىلەن بىرگە، ئالدىنقى ئاي ئوخشاش مەسىلە تۈپەيلى قولغا ئېلىنغان بىر ئوقۇتقۇچىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئوقۇتقۇچىلار بۇنىڭدىن بىر قانچە ۋاقىت ئىلگىرى ھۆكۈمەتكە پېنسىيە مائاشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ھەققىدە كۆپ قېتىم ئىلتىماس سۇنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئىلتىماسىغا ھېچكىم قۇلاق سالمىغان.

ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىلى ئىستانسىمىزغا، ئۆزلىرىنىڭ يەنە بىر قېتىم كوللېكتىپ بىر چوڭ ھەرىكەت قوزغايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما، كۆزەتكۈچىلەر ھۆكۈمەتنىڭ ئوقۇتقۇچىلار مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئەمەس بەلكى ئۇلارنى ھۆكۈمەتكە قارشى ھەرىكەت قوزغىغان توپىلاڭچىلار قاتارىدا مۇئامىلە قىلىپ، تۈرمىگە تاشلاپ جازالىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.