بېيجىڭ دائىرىلىرى، خىتاي زىيالىلىرىنىڭ يىغىلىشىغا رۇخسەت بەرمىدى
2007.12.22
خىتاي دائىرىلىرى، دېموكراتىك كۆز قاراشتىكى خىتاي يازغۇچىلىرىنىڭ، مۇستەقىل خىتاي قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بىر يىغىلىشقا قاتنىشىشىغا رۇخسەت بەرمىگەن.
خىتاي قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ليۇ شىياۋبونىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ساقچىلىرى، يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان ئاخشام زىياپىتىگە قاتنىشىشنى پىلانلىغان 20 ئەتراپىدا خىتاي يازغۇچىسىنىڭ يىغىلىشقا قاتنىشىشنى توساش ئۈچۈن، تۈرلۈك تەدبىرلەر ئالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى نەزەربەنت قىلغان بەزىلىرىنى بولسا، يىغىلىشقا قاتناشماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان.
خىتاي قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ تور بېتىدە بۇ مەسىلە توغرىسىدا ئېلان قىلىنغان باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، زىياپىتىگە قاتنىشىشنى پىلانلىغان يازغۇچىلارنىڭ بېرى بولغان، شاڭخەيلىك يازغۇچى ۋە سىياسىي پائالىيەتچى، لى جەنخوڭ، چارشەنبە كۈنىدىن بېرى بىر مېھمانخانىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا ئىكەن.
ليۇ شىياۋبو نىڭ ئېيتىشىچە، يىغىلىشقا جەمئىي 50 خىتاي زىيالىسى قاتنىشىشنى پىلانلىغان ئىكەن. فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ساقچى دائىرىلىرى جۈمە كۈنى، ليۇ شىياۋبوغا، يىغىلىشنى بىكار قىلىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن. ليۇ خىتاي ساقچىلىرىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ قانۇنلارغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئۇنى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا دەپسەندە قىلىنغانلىقىنىڭ ئىسپاتى دەپ، كۆرسەتتى. لىيۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ھارپىسىدا، مۇستەقىل پىكىر قىلىدىغان خىتاي زىيالىي ۋە يازغۇچىلىرىنىڭ يىغىلىشىنى چەكلىگەنلىكى، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ، خىتايدىكى سىياسىي ئۆكتىچىلەرگە قاراتقان باستۇرۇشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇدىغانلىقىنىڭ بىر بېشارىتى ھېسابلىنىدىكەن. (ئۆمەر قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- بېيجىڭ ساقچىلىرى ئەركىن قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ يىغىلىشىنى باسىتۇرۇشى مۇمكىن
- خىتاي ساقچىلىرى نامايىشچىلارغا ياش ئاقتۇرۇش بومبىسى ئاتتى
- خىتايدا ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ئىزچىل تۈردە يۈز بەرمەكتە
- كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى: خىتاي مەكتەپلىرىدە ئۆسمۈرلەرنى ئەمگەككە ئېلىش ئىشلىرى مەۋجۇت
- خىتاي "قانۇن تەشۋىقات كۈنى" ھارپىسىدا نامايىشچىلارنىڭ نارازىلىقىغا دۇچ كەلدى
- خىتاينىڭ ئەنخۇي ئۆلكىسىدە ھەربىي ئاكادېمىيە ئوقۇغۇچىلىرى ئىسيان كۆتەردى
- خىتاي بىخەتەرلىك تارماقلىرى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىدا نامايىش ئېلىپ بارغانلار قاتتىق جازالىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
- تيەنئەنمېن نامايىشىدا تۈرمىگە تاشلانغان لى ۋېيخۇڭ قويۇۋېتىلدى
- خوڭكوڭلىقلار ئومۇمىي سايلام ئۆتكۈزۈش نامايىشى ئېلىپ باردى
- سەندۇڭدا تۇڭگانلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ بىر ئادەم ئۆلدى