خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ئىزچىل داۋاملاشماقتا . 4 - ئىيۇل تور بېتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە ، 26 - دېكابىر كۈنى خىتاينىڭ چېڭدۇ ۋە چۇڭچىڭ رايونلىرىدا ئىش تاشلاش ۋە نامايىش ئۆتكۈزۈش ھەرىكەتلىرى يۈز بەرگەن بولۇپ، چېڭدۇ ئايرۇپىلان گۇرۇھىغا قاراشلىق 132 - زاۋۇتىنىڭ پىنسىيىگە چىققان 1000 دىن ئارتۇق ئىشچىسى " مونوپول قىلىنغان ئىش ھەققىمىزنى قايتۇرۇپ بېرىڭلار،" 17 - قۇرۇلتايدىكى ئەھدىنامىلار بويىچە ئىش كۆرۈڭلار ، "زاۋۇت رەھبەرلىكى ئىستىپا بەرسۇن " دېگەن شۇئارلارنى توۋلاپ، يېڭىدىن تەيىنلەنگەن زاۋۇت رەھبەرلىرىنىڭ دەم ئېلىشقا چىققان ئىشچىلارنىڭ ھەر ئايدا بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك 240 يۈەن پۇلىنى قىسقارتىۋەتكەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن.
يەنە شۇ كۈنى چۇڭچىڭنىڭ بانەن رايونىدىكى 2000 دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى دەرس تاشلىغان . خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئوقۇتقۇچىلار، ھۆكۈمەتنىڭ ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىغا يېڭىدىن تولۇقلىما قوشۇپ بېرىش سىياسىتىگە ئوقۇتقۇچىلارنى كىرگۈزمىگەنلىكىدىن نارازى بولۇپ، بىر قانچە كۈندىن بۇيان ئىش تاشلىغان ئىكەن.
خىتايدا پۇقرالارنىڭ ئۆز ھوقۇقىنى ھىمايە قىلىش ئېڭى ئالاھىدە دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلمەكتە. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھەرقايسى ساھەلەر بۇيىچە ئىش ھەققى، داۋالىنىش ھەققى، پىنسىيە مائاشى قاتارلىق جەھەتلەردە خىتاي ئۆلكىلىرىدىكىگە قارىغاندا پەرق ناھايىتى چوڭ بولغان ئۇيغۇر ئېلىدە ، خەلقنىڭ ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈرۈپ تېگىشلىك ھوقۇقى ئۈستىدە داۋا قىلىش جاسارىتى ئىنتايىن ئاجىز ھېسابلىنىدىكەن. (ئەقىدە)