خىتايدا نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق ھەق تەلەپلەرنى ھەل قىلىش ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان ئەھۋال


2008.01.03

خىتايدا نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ قوزغىلىشى ئادەتتىكى بىر ئەھۋالغا ئايلانماقتا.

شېنجىن شەھىرىدىكى يۈەنشېڭ خەلقئارا گۇرۇھىنىڭ 170 نەپەر خىزمەتچىسى، شىركەتنىڭ 1 ‏- يانۋار كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويغان ئەمگەك توختامىدىن نارازى بولۇپ، مەزكۈر شىركەت بىلەن ماقۇللىغان توختاملىرىنى مۇددەتتىن بۇرۇن بۇزۇپ تاشلىدى.

خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى 4 ‏- ئىيۇل تور بېتىنىڭ پەيشەنبە كۈنى بەرگەن خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەن 8 ئەتراپىدا، يۈەنشېڭ شىركىتىنىڭ 170 دىن ئارتۇق ئىشچى - خىزمەتچىسى شىركەت دەرۋازىسىغا توپلىشىپ، شىركەتتىن ئارتۇق ئىشلىگەن ئەمگەك ھەققىنى ۋە يىللىق مائاشىنى قوشۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، يۈەنشېڭ شىركىتى، ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە بېرىشكە تېگىشلىك 30 مىليون يۈەننى ۋاقتىدا بەرمەي كەينىگە سۈرگەنلىكى سەۋەبلىك، مەزكۈر نارازىلىق ھەرىكىتى قوزغالغان بولۇپ، شىركەت دەرۋازىسى توسىۋېلىنغاچقا، يەنە مىڭلىغان ئىشچى ئىش باشلاشقا ئامالسىز قالغان.

بۇ ئارىدا شىركەتنىڭ نۆۋەتچى خادىمى ئىستانسىمىزغا تېلېگرامما يوللاپ، شىركەتنىڭ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەقسىتىدە ئىشچىلارغا بېرىشكە تېگىشلىك ئەمگەك ھەققىنى تارقىتىپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتايدا ئىشچىلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئىجابىي نەتىجىلىنىشى ناھايىتى كام ئۇچرايدىغان بىر ئەھۋال بولۇپ، ئىشچىلارنىڭ يوللۇق تەلەپلىرىنى ئورۇندىمىغاندا شىركەتكە ئېغىر زىيان كېلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلغان شىركەت ئەمەلدارلىرى، بېرىشكە تېگىشلىك ئەمگەك ھەققىنى تارقىتىش ئارقىلىق تېخىمۇ چوڭ نارازىلىقلارنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى توسىغان، بىراق نۆۋەتتە ئىشچىلار يىللىق تولۇقلىما مائاشنى ئېلىش ئۈچۈن داۋاملىق ئىش تاشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.