"ھەق ‏- ھوقۇقىمىزنى ۋە قەدىر ‏- قىممىتىمىزنى قايتۇرۇپ ئالىمىز "


2008.02.28

خىتايدا 10 مىڭدىن ئارتۇق كىشى تەرىپىدىن ئىمزا قويۇلغان " ھەق - ھوقۇقىمىزنى ۋە قەدىر ‏- قىممىتىمىزنى قايتۇرۇپ ئالىمىز " دېگەن تېمىدىكى بىر پارچە ئوچۇق خەتنىڭ، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ 17 ‏- نۆۋەتلىك 2 ‏- ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلىشى جەريانىدا ئېلان قىلىنىدىغانلىقى پەيشەنبە كۈنى ئاشكارىلاندى.

ئىستانسىمىز ئىگىلىگەن مەلۇماتتىن قارىغاندا، مەزكۈر ئوچۇق خەتتە ئۈچ خىل تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، بىرىنچى خىل تەلەپتە " دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسى"بىلەن" خىتاي ئاساسىي قانۇنى" دا قەيت قىلىنغان پۇقرالارنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ھوقۇقلىرىدىن، پۇقرالارنىڭ سۆز قىلىش، نەشر قىلىش، يىغىلىش، نامايىش ئۆتكۈزۈش ئەركىنلىكىگە، بولۇپمۇ قانۇنىي ئاساستا ئاممىنىڭ " ئۆز ‏- ئارا ياردەملىشىش ۋە ئۆزىنى قۇتقۇزۇش" قا ئوخشاش جەمئىيەت ۋە بىرلەشمىلەرنى قۇرۇشىغا، ئىنتېرنېت تور بەتلىرى تەسىس قىلىشىغا يول قويۇش شۇنىڭدەك ئىنسانلارنى گېزىت ۋە ژۇرنال چىقىرىش ئەركىنلىكىگە ئىگە قىلىش دېگەنگە ئوخشاش تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئىككىنچى خىل تەلەپتە،ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش دېگەن قانۇنسىز تۈزۈمنى بىكار قىلىش، بولۇپمۇ تۈرمىگە سولانغان بىگۇناھ ئەرزدارلارنى ئەركىنلىككە چىقىرىش، مەجبۇرىي تەسىس قىلىنغان ئۆگىنىش گۇرۇپپىلىرى ۋە روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرخانىلىرىنى بىكار قىلىش، ئۈچىنچى خىل تەلەپتە بولسا، " ئەرزىيەت نىزامنامىسى" غا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، ئەرزدارلارنى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى قەتئىي چەكلەش، ھەر قانداق شارائىتتا ئەرزدارلارنى باستۇرۇش قىلمىشى " ئاساسىي قانۇن" ھەمدە " ئەرزىيەت نىزامنامىسى" غا ئاساسەن قانۇنسىىز ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا يەرلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مەزكۈر قانۇنسىزلىق ھەرىكەتلىرى ئۈستىدە سۈرۈشتۈرۈش ئېلىپ بېرىش ۋە مەسئۇلىيىتى ئېغىر بولغان ئەمەلدارلارنى جازالاش تەلەپ قىلىنغان.

بېيجىڭ ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇراسىمىنىڭ يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا، خىتايدا خەلقنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىق ھەرىكەتلىرى كۈندىن - كۈنگە كۈچىيىۋاتقان بولۇپ، بۇ خىتاي دائىرىلىرى نۆۋەتتە ئەڭ ئەندىشە قىلىۋاتقان ئاساسلىق مەسىلىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.