خىتاي ئوكۇل ئارقىلىق ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىشنى ئومۇملاشتۇرماقچى

خىتاي قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگىنىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك بىر خادىم، خىتاينىڭ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلغاندا ئوكۇل ئارقىلىق ئۆلتۈرۈش ئۇسۇلىنى پۈتۈنلەي ئومۇملاشتۇرۇش ھەققىدە ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتايدا چىقىدىغان " جۇڭگو كۈندىلىك گېزىتى" نىڭ پەيشەنبە كۈنىدىكى سانىدا، خىتاي ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرىنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇزۇن بولمىغان مۈددەت ئىچىدە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىدىغان بارلىق سوت ئورگانلىرىنىڭ دورىلىق ئوكۇل سېلىش ئۇسۇلى بىلەن ئۆلۈم جازاسىنى يولغا قويۇشنى ئومۇملاشتۇرىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. مەزكۈر سوت خادىمى يەنە":ئوكۇل بىلەن ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىش ئادىللىققا بىر قەدەر يېقىن " دېگەن.

ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ بۇ ئەمەلدارى يەنە، ھازىر خىتاينىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى داۋاملىق تۈردە، خىتاينىڭ ئۆلۈم جازاسىنى كۆپ ئىجرا قىلىش ھەرىكىتىنى تەنقىدلەپ كەلمەكتە. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مۆلچەرلەشلىرىگە قارىغاندا، خىتايدا ھەر يىلى ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىۋاتقانلارنىڭ سانى، بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىۋاتقانلار ئومۇمىي سانىدىن ئېشىپ چۈشىدىكەن.

گەرچە خەلقئارا قانۇنلاردا سىياسىي جىنايەتچىلەرگە ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىش چەكلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرى يەنىلا خىتاينىڭ ئۆلۈم جازاسىدىن قۇتۇلالماي كەلمەكتە. تېخى يېقىندىلا ئىككى نەپەر ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇس ئۆلۈم جازاسى بىلەن قەتلى قىلىنغان ئىدى. (ئەقىدە)