خىتايدا "مۈلۈك قانۇنى" ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى

خىتايدا 2007 ‏- يىلى 3 ‏- ئاينىڭ 16 ‏- كۈنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتېيىنىڭ 5 ‏- قېتىملىق يىغىنىدا ماقۇللانغان "جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مۈلۈك قانۇنى" بىرىنچى ئۆكتەبىر كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى.

بۇ قانۇندا دۆلەت مۈلكى قانۇن بۇيىچە قوغدىلىدۇ، ھەر قانداق ئورۇن ياكى شەخسىنىڭ تاجاۋۇز قىلىشى، بۇلاپ-تالىشى، بۇزۇشى، تەخسىملىۋېلىشى ياكى ئەرزان باھادا قولدىن -قولغا ئۆتكۈزىۋىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ؛ شەخسىيلەرنىڭ تۇرالغۇ ئۈچۈن ئىشلەتكەن يەر توختام ۋاقتى توشقاندا يەنە ئۇزارتىلىدۇ؛ دېھقانلار ھۆددىگە ئالغان يەرنىڭ توختام ۋاقتى توشقاندا يەنە ئۇزارتىلىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن.

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە بۇ قانۇننى خەلقنىڭ ئەمگەك قىلىپ ئىگە بولغان خۇسۇسىي مۈلكىنى قوغداش تەلىپىگە ئاساسەن تۈزۈلدى دەۋاتسىمۇ، ئەمما بۇ قانۇن كوممۇنىست ئەمەلدارلىرىنىڭ خىيانەتچىلىك-چىرىكلىشىشى ئەۋج ئالغان، جەمئىيەتتە كوممۇنىست بايلىرى بىلەن نامرات خەلقنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەرق بارغانسېرى چوڭىيىۋاتقان شارائىتتا تۈزۈپ ماقۇللانغان ئىدى.

خەلق بۇ قانۇننى يەنىلا دۆلەت بايلار بىلەن نامراتلار ئوتتۇرىسىدىكى ناھەقچىلىقنى ۋە ئىقتىسادىي پەرقنى ھەل قىلمايدىغان، باج ياكى پاراۋانلىق تەدبىرى ئارقىلىق تەڭشىمەيدىغان، قىسقىسى قەلەندەرلەرنىڭ تىلەمچىلىك قىلىدىغان ھاسىسى بىلەن خىيانەت قىلىپ بېيىغانلارنىڭ ھەشەمەتلىك تۇرالغۇ ۋە ئاپتوموبىللىرىنى ئوخشاش قوغدايدىغان قانۇن، دەپ قارىماقتا. (ۋەلى)