شەرقى خىتايدا، يەر ئاستى سۇ مەنبەسى بۇلغىنىش سەۋەبلىك 200 مىڭ ئادەمنىڭ ئىچىملىك سۈيى 40 سائەتكىچە ئۈزۈلۈپ قالغان بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە، بىر خىمىيە شىركىتى بۇلغىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى دەپ ئەيىبلەنگەن.
خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ شۇياڭ شەھىرىدە دۈشەنبە كۈنىدىن چارشەنبە كۈنىگىچە سۇ لەشلىرى تارقىلىپ كېتىش سەۋەبلىك تۇرۇبا سۈيى ئېتىۋىتىلگەن ۋە ۋۇشى شەھىرىدىمۇ 5 مىليون ئادەمنىڭ ئىچىملىك سۇيى توختىتىۋېتىلگەن.
خىتاي سودا خەۋەرلىرى گېزىتىدە ئاشكارىلىشىچە، مەزكۇر جايلارنىڭ ئىچىملىك سۇ مەنبىيى بولغان شىنيى دەرياسىنىڭ سۈيى تەركىبىدە غەيرى پۇراق ، ئامىياك گازى ۋە نىتروگېن گازىنىڭ تەركىبى دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن ئىكەن.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 4 -ئىيۇلدىكى مەلۇماتىغا قارىغاندا، ھازىرغا كەلگۈچە بۇلغىنىشنىڭ ھەقىقىي مەنبىيى تېپىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما، شۇياڭ شەھىرى مۇھىت قوغداش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى خۇ داۋلەن، شىنيى دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىغا جايلاشقان بىر خىمىيە زاۋۇتىنى بۇلغىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، دەپ ئەيىبلىگەن.
جياڭسۇ ئۆلكىسى خىتاي خىمىيە سانائىتىنىڭ مەركىزى بولۇپ، ھۆكۆمەت دائىرىلىرى بۇ ئۆلكىگە جايلاشقان خىمىيە زاۋۇتلىرىنى، رايوننىڭ دەريا، كۆل ۋە قاناللىرىنى زەھەرلىك خىمىيىۋىي ماددىلىرى بىلەن ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىدى دەپ ئەيىبلەنمەكتە.
5-ئايدا جياڭسۇ ئۆلكىسى ۋۇشى شەھىرىگە يېقىن جايلاشقان تەيخۇ كۆلى ۋە ئالدىنقى ئايدىكى چاۋخۇ كۆلى قاتارلىقلاردىكى سۇ لەشلىرىنىڭ كۆپىيىپ كېتىش ھادىسىلىرىنى، خىمىيىۋىي يۇندىلار كەلتۈرۈپ چىقاردى دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى. (جۈمە)