جېڭجو شەھىرىدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى

جېڭجو شەھىرىدىكى بازار باشقۇرۇش ئىدارىسى، چارشەنبە كۈنى 1000 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ قورشاۋى ئاستىدا قالدى.

ئىستانسىمىزنىڭ ئىگىلىشىچە، خېنەن ئۆلكىسى جېڭجو شەھىرىنىڭ بازار باشقۇرۇش خادىملىرى، خېنەن مالىيە ئىنستىتۇتىنىڭ ئالدىدا يايمىچىلىق قىلغان بىر قىز ئوقۇغۇچىنى قاتتىق ئۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۇدۇل چىشىنى تۆكۈۋەتكەن، ئەھۋالنى ساقچىغا مەلۇم قىلغان قىز ئوقۇغۇچى ساقچىلار تەرىپىدىن كىشەنلىنىپ ئېلىپ كېتىلگەن ۋە ئەكسىچە ئۇنى ئۇرۇپ يارىلاندۇرغۇچىنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنمىغان. ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئامما شۇنىڭدەك مالىيە ئىنستىتۇتىدىكى نەچچە يۈزلىگەن ئوقۇغۇچى بۇنىڭدىن قاتتىق نارازى بولۇپ، بازار باشقۇرۇش ئىدارىسى ئالدىدا نارازىلىق بىلدۈرگەن.

خېنەن مالىيە ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بازار باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ماشىنىلىرىغا ئوت قويۇۋەتكەن ھەمدە ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشقان. بۇ ئارىدا خىتاي مەتبۇئاتلىرى پەيشەنبە كۈنى ۋەقەنىڭ بېسىقتۇرۇلغانلىقىنى، بازار باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مەسئۇللىرى بولۇپ 11 كىشىنىڭ جازاغا تارتىلغانلىقىنى، بۇنىڭدىن سىرت 5 نەپەر ئامانلىق ساقلاش خادىمىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خىتاي ئادۋوكاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر ۋەقە بازار باشقۇرۇش خادىملىرى ۋە ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىق بىلەن قانۇن ئىجرا قىلىش قىلمىشىدىن مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، بۇ، خىتايدىكى قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلارنىڭ سۈپىتىنىڭ ناچارلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.(ئەقىدە)