خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆي باھاسى ئۆرلەپ كېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن يەر بېسىمدارلىرىنى چەكلەش ۋە كۆپ ئۆي سېلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى

ھازىر خىتايدا خەلق ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى ياكى يېقىنقى يىللاردا ئىجارىگە ئالغان ئۆيلىرىدە ياشايدۇ، بايلار بولسا ئۆزلىرى بۇيرۇتۇپ سالدۇرغان ھەشەمەتلىك داچىلاردا ياكى بىخەتەر ئالىي مەھەللىلەردە ياشايدۇ. خىتايدا تۇرالغۇ جەھەتتە بايلار بىلەن نامراتلار ئوتتۇرىسىدا پەرق ناھايىتى چوڭ.

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، 2007 ‏- يىلى خىتايدا ئۆي باھاسى ئۆسۈپ ئەڭ يۇقىرى رېكورتقا يەتكەن ئىدى. ئۆتكەن يىلنىڭ 11 ‏- ئېيىدىن كېيىن يەنە 70 چوڭ شەھەردە ئادەتتىكى ئۆيلەرنىڭ باھاسى يەنە %7، ھەشەمەتلىك ئۆيلەرنىڭ باھاسى % 19 ئۆستى. ئۆي باھاسىنىڭ ئۆزلۈكسىز ئۆسۈشى خەلققە، بولۇپمۇ نامراتلارغا ئېغىر بېسىم كەلتۈردى، شۇنداقلا يېمەك-ئىچمەك باھاسىنىڭ ئۆسىشىگىمۇ سەۋەب بولدى.

بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۆي باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى توساش ئۈچۈن، يېڭى تەدبىر قوللىنىشقا باشلىدى. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي دۆلەت كابىنىتى يېقىندا يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئۆتۈنۈپ بەرگەندىن كېيىن قۇرۇق قالدۇرۇلۇۋاتقىلى بىر يىل توشقان يەر - زېمىن ئۈچۈن %20 باج ئېلىشنى؛ ئىككى يىلغىچە قۇرۇق قالدۇرۇلغان يەر - زېمىن بولسا، ئۇنى دۆلەتكە قايتۇرۇۋالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر بۇنداق تەدبىر ئارقىلىق يەر ئىگىلەپ بېسىمدارلىق قىلىشنى چەكلەپ، كۆپ ئۆي سېلىپ خەلقنىڭ تۇرالغۇ قېيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، ئۆي باھاسى ۋە باشقا باھا ئۆرلەشنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولۇۋاتىدۇ. (ۋەلى)