خىتاي ساقچىلىرى ئادۋوكات جېڭ ئېنچۇڭنى لېفىتكە سولىۋېلىپ ئۇرغان
-
2008-02-25 -
-
-
خەلقئارا ئۇچۇر مۇنبىرى گېزىتىدە ئېلان قىلىنىشچە، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى جېڭ ئېنچۇڭ ئۆز ئۆيى ئالدىدا خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. ئادۋوكات جېڭنىڭ ئايالىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇنداق ۋەقە بىر نەچچە قېتىم يۈز بەرگەن.
جېڭ ئېنچۇڭ بىرنەچچە ئايدىن بۇيان ئۆز ئۆيىگە نەزەربەنت قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئايالنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئادۋوكات جېڭ ئۆيىدىن چىقىپ كېتىۋاتقاندا پۇقراچە كىيىنگەن ئالتە نەپەر ساقچى ئۇنى تۇتىۋالغان ۋە يۇقىرى قەۋەتكە سۆرەپ ئېلىپ چىقىپ لېفىتكە سولىۋېلىپ ئۇرغان.
مەلۇم بولۇشىچە، جېڭ ئېنچۇڭ ئەسلىدە شاڭخەي شەھىرىدىكى بىر ئولتۇراق رايوننىڭ ئوتتۇرىسىدىن كېسىپ ئۆتىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول لىنىيىسى قۇرۇلۇشىغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نارازىلىق ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا ئەشۇ مەھەللىدىكى كىشىلەرگە قانۇنى مەسلىھەت بەرگەنلىكى ئۈچۈن، شاڭخەي شەھىرى ھۆكۈمىتى جېڭ ئېنخۇڭنى جىمىقتۇرۇش مەقسىتىدە ھەر خىل تەھدىت سېلىش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارغان.
جاڭنىڭ ئايالى جياڭ مېيلىنىڭ مۇخبىرلارغا بىلدۈرگەنلىرىگە قارىغاندا، ئادۋوكات جېڭ يەنە شاڭخەي شەھىرى ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ يەر-مۈلۈك سودىسىغا چېتىلىدىغان چېرىكلىك قىلمىشلىرىنىڭ ئىسپاتىنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى تىلغا ئالغاندىن كىيىن، بۇ ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ تېخىمۇ يېغىرىغا تەككەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئادۋوكات جېڭ ئېنچۇڭ تىلغا ئالغان ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ چىرىكلىكى توغرىسدىكى ئىسپات، بۇلتۇر خىتايدا 17- نۆۋەتلىك پارتىيە قۇرۇلتىيى ئېچىلىشتىن ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتكەن خىتاينىڭ سابىق مۇئاۋىن باش مىنىستىرى خۇاڭ جۈ ۋە خىتاينىڭ سابىق رەئىسى جياڭ زېمىننىڭ ئوغۇللىرىغا چېتىشلىق ئىكەن. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- "شىڭداۋ" گېزىتى: ئۈرۈمچىدە خىتاي قوراللىق كۈچلىرى بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن
- مىچۈەندە ھۆكۈمەت دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى تۆۋەن باھادا سېتىۋېلىپ شىركەتلەرگە قىممەت باھادا ساتقان
- ئۈرۈمچىدە مەكتەپلەردىكى " قارا كۈچ" گۇرۇھلارنى تازىلاش ئېلىپ بېرىلماقتا
- خىتايدا يەنە مەجبۇرىي ئۆي چىقىش ۋەقەسى يۈز بەردى
- خىتاي ھۆكۈمىتى 12 ساقچى ۋە ھۆكۈمەت خادىمىنى جازالىدى
- ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى دىك چېنېي ئىراقتىكى ھەربىي ئىستراتېگىيىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى
- ئۈرۈمچىدە 12 خىتاي ياللانما ئىشچىسى ساقچىلار تەرىپىدىن ئېغىر يارىلاندۇرۇلدى
- گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى يۈ فۇسەينىڭ داۋالىنىشىغا ئىقتىسادىي ياردەم قىلدى
- رابىيە قادىرنىڭ پەرزەنتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىدى
- خىتايدا پىلانلىق تۇغۇتقا قارشى پائالىيەتچى ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇلدى
- خىتايدا ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى كۆپەيمەكتە
- 5 نەپەر سىچۇەنلىك دېھقان خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن دۇمبالاندى