خىتاي مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئامېرىكىنى زىيارەت قىلماقتا

خىتاي مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گو بوشياڭ رەسىمى بىر زىيارەت ئۈچۈن بۈگۈن ۋاشىنگتونغا كەلدى.

گو بوشياڭ 2001‏- يىلىدىن بېرى ئامېرىكىنى زىيارەت قىلغان خىتاينىڭ ئەڭ ئالىي دەرىجىلىك ھەربىي خادىمى بولۇپ، ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گو بوشياڭ بىر ھەپتە داۋاملىشدىغان بۇ سەپىرى جەريانىدا ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى دونالد رامىسفېلد ۋە باشقا ئالاقىدار رەھبەرلەر بىلەن بىر قاتار مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ بارىدىكەن ھەمدە ئۇ يەنە بەزى ھەربىي بازىلارنى زىيارەت قىلىدىكەن.

خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي مۇناسىۋەتلەر، 2001‏- يىلىدا ئامېرىكىنىڭ بىر جاسۇسلۇق ئايروپىلانى خىتاي ئۇرۇشچى ئايروپىلانىغا ئۇرۇلۇپ كەتكەندىن كېيىن، پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەن ئىدى. لېكىن بۇ مۇناسىۋەتلەر يېقىنقى يىللاردىن بېرى قايتىدىن تەدرىجى ھالدا تەرەققىي قىلىشقا باشلىدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ، خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تاشقى ئىشلار بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چىيەن لىخاۋ نىڭ سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، خىتاي مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گو بوشياڭنىڭ بۇ قېتىمقى ئامېرىكا زىيارىتى خىتاي ھەربىي رەھبەرلىك ئورگىنىنىڭ چەت بىر دۆلەتكە قاراتقان ئەڭ مۇھىم زىيارىتى ھېسابلىنىدۇ. (قانات)