خىيانەتچىلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان بېيجىڭنىڭ سابىق مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ليۇ جىخۇا بىلەن بېيجىڭ ئولىمپىك قۇرۇلۇش پروگراممىسىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى جىڭ يەن ئايرىپ تەكشۈرۈلۈش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىگە ئەۋەتىلدى. مەركىزى ئىنتىزام كومىتېتى بۇ ئىككى ئەمەلدارنى ئۇيغۇر ئېلىگە ئەۋەتىش ئارقىلىق ئۇلار ئۈستىدىن يېپىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىكەن.
"شىڭداۋ كۈندىلىك گېزىتى" خەۋىرىگە قارىغاندا، ليۇ جىخۇانىڭ دېلوسى بىۋاستە مەركىزى ئىنتىزام كومىتېتى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىدىكەن بۇنىڭغا ھەتتا بېيجىڭ شەھەرىدىكى ئەمەلدارلارمۇ قول تىقالمايدىكەن. شۇنداقلا بۇ ئىككى كىشىنىڭ ھازىر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قايسى يېرىدە ئىكەنلىكىمۇ مەخپىي تۇتۇلغان.
سابىق بېيجىڭ شەھەر باشلىقى ليۇ جىخۇا ئىلگىرى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ قۇرۇلۇش پىلان ئىشلىرى ۋە 2008- يىلدىكى ئولىمپىك قۇرۇلۇش پروگراممىسىغا مەسئۇل بولۇپ، خەۋەرلەرگە قارىغاندا، چەتئەل سودا شىركەتلىرى ليۇ جىخۇانىڭ ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ پارا ئېلىش ۋە قانۇنسىز ھالدا شىركەتلەرگە مەبلەغ كاپالىتى بېرىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن شوغۇللانغانلىقى توغرىسىدا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ئەرز قىلغان.
شۇ سەۋەبتىن بېيجىڭ دائىرىلىرى بۇ يىل 6-ئاينىڭ 11- كۈنى ئۇنى خىيانەتچىلىك بىلەن ئەيىبلەپ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىدى. ئارقىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا، ئۇنىڭغا چېتىشلىغى بولغان بېيجىڭ ئولىمپىك قۇرۇلۇش پروگراممىسىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى جىڭ يەنمۇ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان. (پەرىدە)