خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى، ئىقتىسادىي جىنايەتچىلەرنىڭ چەتئەللەرگە قېچىشىنى توختىتىش ئۈچۈن جىددىي تەدبىر ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇنىڭدىن بىر كۈن بۇرۇن خىتاي مەتبۇئاتى كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى ئەڭ چوڭ ئەتكەسچىلىك گۇرۇھىنىڭ يېتەكچىسى دەپ ئەيىبلەنگەن لەي چاڭشىڭنى خىتايغا قايتۇرۇشى مۇمكىنلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.
سەيشەنبە كۈنى خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ خادىمى گاۋ فېڭ بېيجىڭدا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان 800 نەپەردىن كۆپ ئىقتىسادىي جىنايەتچىنىڭ خىتايدىن چەتئەلگە قېچىپ كەتكەنلىكىنى، بۇلارنىڭ ئىچىدە 300 دىن كۆپرەكىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقىنى، بۇ كىشىلەر خىيانەت قىلغان پۇل مىقدارىنىڭ 70 مىليارد يۈئەندىن، يەنى 7 مىليارد 7 يۈز 30 مىليون دوللاردىن ئاشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
گاۋنىڭ ئېيتىشىچە، ئىقتىسادىي جىنايەتچىلەرنىڭ دۆلەتتىن پۇل قاچۇرۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، جامائەت خەۋپسىزلىك مىنسىتىرلىقى، تەپتىش كومىتېتى خىتاي خەلق بانكىسى ۋە باج ئىدارىسى بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتكەن.
لەي چاڭشىڭ خىتايدىن چەتئەلگە قېچىپ كەتكەن ئەڭ ئاتاقلىق ئىقتىسادىي جىنايەت گۇماندارى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ نېفىت، ماشىنا ئەتكەسچىلىكى ئارقىلىق مىلياردلىغان دوللار پۇل تاپقان بولۇپ، 1999 - يىلى ئايالى ۋە ئۈچ بالىسى بىلەن بىرلىكتە كاناداغا قېچىپ بېرىپ، كانادا ھۆكۈمىتىدىن سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلغان ئىدى. (قانات)