بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ليۇ جىخۇا يەكشەنبە كۈنى خىيانەتچىلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ، خىزمىتىدىن ئېلىپ تاشلاندى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرىدە ليۇ جىخۇانىڭ خىيانەتچىلىكىگە ئائىت تەپسىلىي مەلۇماتلارنى ئېلان قىلمىغان. ئەمما ئۇنىڭدا پەقەت بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ليۇ جىخۇانى "ئېغىر خاتالىق ئۆتكۈزگەن" دەپ ئېلان قىلغانلىقى يېزىلغان.
ئەمما ليۇنىڭ دېلوسى مۇناسىۋەتلىك ئەدلىيە ئورۇنلىرى تەرىپىدىن پات ئارىدا سوتلىنىدىكەن. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى نەچچە يىللاردىن بۇيان چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن خىتايدا ئەمەلدارلارنىڭ خىيانەتچىلىك ۋە ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش ئەھۋاللىرى داۋاملىق ئېغىر بولماقتا.
ھۆكۈمەت دائىرلىرىنىڭ چىقارغان مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، خىتايدا 2005- يىلى دەسلەپكى 11 ئاي ئىچىدىلا، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى تەرىپىدىن قانۇنسىز ئىشلىتىلگەن پۇلنىڭ سانى 290 مىليارد يۈەن يەنى 36 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. (پەرىدە)