خىيانەتچىلىك بىلەن ئەيىبلەنگەن خىتاي ئەمەلدارىغا 20 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلدى

خىتاينىڭ جياڭسۇ ئۆلكىلىك قاتناش نازارىتىنىڭ سابىق باشلىقى جاڭ جۈنيۈەن خىيانەتچىلىك قىلغانلىقى سەۋەبىدىن 20 يىللىق تۈرمىگە تاشلاندى.

خىتايدا چىقىدىغان "خەلق سوتى گېزىتى" نىڭ مەلۇم قىلىشىچە، جاڭ جۈنيۈەن ئۆز ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ پارا ئالغان ۋە ھۆكۈمەت خىراجىتىگە خىيانەت قىلغان دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ، 20 يىللىق كېسىمگە ھۆكۈم قىلىنغان ھەمدە ئۇنىڭ 400 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنغان.

جاڭ جۈنيۈەن 2000‏- يىلىدىن 2004‏- يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە پارا ئېلىش، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ماشىنا ئەسۋاپلىرىنى سېتىۋېلىش، ئۆزى بىلەن ھەمكارلاشقان خادىملارنى ئۆستۈرۈش ۋە خىزمىتىنى يۆتكەشكە ئوخشاش 23 قېتىم قانۇنسىز ھەرىكەت ئېلىپ بارغان ھەمدە پارا ئالغان پۇل ۋە مال-مۈلۈك قىممىتى 1 مىليون 180 مىڭ يۈەندىن ئاشقان.

خەۋەردە مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ ھەتتا ئۆزىنىڭ ئۈستىدىكى تەكشۈرۈشلەرنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن 2004‏- يىلى جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئىتى ۋە تەشكىلات مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق مىنىستىرى شۈ گوجيەننىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇنىڭغا 2 مىليون يۈەن پۇل بەرگەن. جاڭ جۈنيۈەن سوت قارارىدىن كېيىن، ھۆكۈمگە قايىل بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. (پەرىدە)