نۆۋەتتە خىتاينىڭ ھەربىي چىقىم ساھەسىدىكى خىيانەتچىلىك ئەھۋالى بىر قەدەر ئېغىرلىشىۋاتقان بولۇپ، بۇ خىتاي دۆلەت مۇداپىئە كۈچىگە تەھدىت ئېلىپ كەلمەكتە.
خىتايدا چىقىدىغان خەلق گېزىتى چارشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدە، خىتاي خەلق ئازاتلىق ئارمىيىسىنىڭ نۆۋەتتە ھەربىي چىقىمغا ئالاقىدار خىيانەتچىلىك مەسىلىلىرىگە زەربە بېرىش يېڭى ھەرىكىتىنى باشلىغانلىقىنى مەلۇم قىلغان. تېخى بۇنىڭ ئالدىدا خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ نۆۋەتتىكى چىرىكلىك ئەھۋاللىرىنىڭ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ مەيدانىنى چىرىتىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن ئىدى. شۇنداقلا ئۇ چاغدا خىتاي دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى ۋاڭ شوۋيېنى خىيانەتچىلىك مەسىلىلىرى سەۋەبىدىن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغان.
خەلق گېزىتىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلىمىغان بىر نەپەر ھەربىي تەكشۈرۈش ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ئۇ نۆۋەتتىكى ھەربىي چىقىم خىيانەتچىلىكىدە توختىلىپ، " ھازىر سودا-تىجارەتتە، ھەربىي ساھە پارا ئېلىش-بېرىشكە ئوخشاش چىرىكلىكنىڭ قىزىقتۇرۇشىغا ئۇچراپ كېتىۋاتىدۇ ھەمدە بۇ ئەھۋال بارغانسېرى ئېغىرلىشىۋاتىدۇ" دېگەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر ھەربىي ساھەدە ئىشلىتىلىدىغان ئەسلىھە، تىببىي بويۇملار، ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنلىرى ۋە تارقىتىش ئەسۋابلىرىغا ئوخشاش ھەربىي ئەسلىھەلەرنى ئېلىپ-سېتىشتا پارا ئېلىش ۋە خىيانەتچىلىك ئەھۋاللىرى كۆپ كۆرۈلمەكتە ئىكەن. خىتاينىڭ ھەربىي ساھەگە ئاجرىتىۋاتقان خىراجىتى يىلدىن-يىلغا ئېشىۋاتقان بولۇپ، بېيجىڭ دائىرىلىرى بۇ يىلمۇ ھەربىي خىراجەتنى ئۆتكەن يىلدىكىدىن 14.7% ئاشۇرۇپ 35 يېرىم مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكۈزىدىغانلىقىنى مەلۇم قىلدى. ئەمما ئامېرىكا دائىرىلىرى خىتاينىڭ ئەمەلىي سەرپ قىلىۋاتقان ھەربىي خىراجىتىنىڭ ئۇلار ئېلان قىلغاندىنمۇ نەچچە ھەسسە كۆپ بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (پەرىدە)