خىتاي دائىرىلىرى شاڭخەي شەھەرلىك پارتكوم سېكرېتارى چېن لياڭيۈنىڭ خىيانەتچىلىك سەتچىلىكىگە چېتىشلىق ئىككى چوڭ كارخانىچىنى شاڭخەي شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىكىدىن ئېلىپ تاشلىدى.
شاڭخەي شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، شاڭخەي ئېلېكتىر گاز گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى ۋاڭ چىڭمىڭ ۋە شاڭخەي يېڭى خۇئاڭپۇ چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇدىرى ۋۇ مىڭليېلارنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىكىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.
خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چېن لياڭيۈنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىش ۋەقەسىدىن كېيىن شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ ئىشخانا مۇدىرى سۈن لۇيى تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان. خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، كىم بولۇشى ۋە دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر خىيانەتچىلىككە چېتىلغان ھەر قانداق كىشىنىڭ تەكشۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ۋۇ مىڭليې ۋە ۋاڭ چىڭمىڭلار چېن لياڭيۈينىڭ شاڭخەي ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنى قانۇنسىز ئىشلىتىش تورىنىڭ ئىچىدىكى كىشىلەر ئىكەن. (ئەركىن)