خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ خىيانەتچىلىك جىنايەتلىرى كۆپەيمەكتە
2007.01.23
بېيجىڭدا خىتاينىڭ دۆلەتلىك پۇل مۇئامىلە يىغىنى ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا، سىياسىي بيۇرو ئەزاسى خۇئاڭ جۈينىڭ پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى رەھبەرلىك ھوقۇقىنى ۋىن جياباۋنىڭ ئۆتكۈزۈۋالغانلىقى ئېلان قىلىندى. جياڭ زېمىن گۇرۇھىنىڭ ئاساسلىق ئادىمى دەپ قارالغان چىن لياڭيۈي خىيانەتچىلىك دېلوسى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن پەقەت شاڭخەي شەھىرىدىنلا 50 تىن ئارتۇق پارتىيە، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ياكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.
جۇڭگو بانكىسىنىڭ 21 - يانۋاردىكى خەۋىرىدە، بۇلتۇر بىر يىل ئىچىدە قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان مىڭدىن ئارتۇق ئورگاننى ئېنىقلاپ چىققانلىقى، مەسئۇلىيىتى بار دەپ قارالغان 7 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ جازالانغانلىقى ھەمدە 243 نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
خېنەن ئۆلكىسىنىڭ مۇپەتتىش نازارىتى يەنە شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، بۇلتۇر بىر يىل ئىچىدە ئۆلكە بويىچە 1700 دىن ئارتۇق ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ جازالانغانلىقىنى، ئۇلار ئىگىلىۋالغان پۇلنىڭ 5 يېرىم مىليارد يۇئەنگە يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
كەيپىڭ شەھىرىدىكى سوت مەھكىمىسى مەزكۇر شەھەردىكى خىتاي بانكىسىنىڭ باشلىقىنىڭ ئۇكىسى بىلەن بىرلىشىپ قارا جەمئىيەتنىڭ 6 مىليارد يۇئەندىن ئارتۇق پۇلىنى يۇيۇپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن جازالانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
جۇڭگو ياشلىرى گېزىتىنىڭ 20 - يانۋاردىكى " لاتارىيىدىن كىرگەن 20 مىليارد يۇئەندىن كۆپ پۇل قەيەرگە ئىشلىتىلدى ؟ " ماۋزۇلۇق خەۋىرىدە، بۇلتۇر كىرىم قىلىنغان بۇ پۇلنى مەركەز ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ تەڭ بۆلۈشۈۋالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
مۇلاھىزىچىلەر، خىتاي ئەمەلدارلىرى ئارىسىدا يامراۋاتقان خىيانەتچىلىك جىنايەتلىرىنىڭ ئاخىرى خەلقنىڭ كۆچلۈك قارشىلىقىنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى تەھلىل قىلىشماقتا. (مېھرىبان)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاينىڭ خېنەن ئۆلكىسىدە پارىخور كادىرلار جەمئىي بەش يېرىم مىليارد يۈئەن خىيانەت قىلغان
- خىتايدا سەھىيە خادىملىرىنىڭ خىزمىتىدىن پايدىلىنىپ پارىخورلۇق قىلىش قىلمىشى ئېغىر بولماقتا
- خىتايدا ئۈچ يىل ئىچىدە 67 مىڭدىن ئارتۇق ئەمەلدار جازالانغان
- چىرىكلىك ۋە خىيانەتچىلىك خىتايغا قانداق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟
- چېن لياڭيۈنىڭ خىيانەتچىلىك سەتچىلىكىگە چېتىشلىق ئىككى كىشىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىكى بىكار قىلىندى
- لياۋنىڭدا ساقچىلار بىلەن پۇقرالار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى