خوڭكوڭلىقلار ئومۇمىي سايلام ئۆتكۈزۈش نامايىشى ئېلىپ باردى
2007.10.07
يەكشەنبە كۈنى خوڭكوڭدىكى ۋىكتورىيە مەيدانىغا 5000دىن ئارتۇق ئامما توپلىنىپ، دېموكراتىك تەشكىلاتلارنىڭ ئۇيۇشتۇرىشىدا خوڭكوڭدا ئومۇمىي سايلام ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى.
نامايىشچىلار 2012-يىلى خوڭكوڭدا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ خوڭ كوڭ مەمۇرىي ۋالىسىنى سايلاش ھوقۇقىنى بىكار قىلىپ، پۈتۈن خوڭكوڭلىقلارنىڭ سايلامغا قاتنىشىشى بىلەن ئۆز ۋالىسىنى سايلاشىنى يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلىشىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان "سېرىق رەڭدىكى يامغۇرلۇقلارنى كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭدىن "2012" دېگەن ساناقنى شەكىللەندۈرگەن.
ئەنگىلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نامايىشچىلار ۋىكتورىيە مەيدانىدىن يولغا چىقىپ، خوڭكوڭ ئالاھىدە رايون مەمۇرىيىتىنىڭ ئالدىدا توختاپ، نامايىش ئېلىپ بارغان. ھەتتا يەكشەنبە كۈنى يەنە بېيجىڭ پەرەس تەشكىلاتلارمۇ نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىدىن مائارىپ، ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى تەلەپ قىلغان.
بۇ يىل 7-ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى خوڭكوڭنىڭ خىتاي قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنىڭ 10 يىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ خوڭكوڭنىڭ يېڭى ۋالىسىنىڭ قەسەم بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشقان ئىدى.(ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- سەندۇڭدا تۇڭگانلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ بىر ئادەم ئۆلدى
- تيەنئەنمىن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە قاتناشقان 100 نەپەر ئەتراپىدا سىياسىي پائالىيەتچى تېخىچە تۈرمىدە
- خىتايدا نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ئىزچىل تۈردە يۈز بەرمەكتە
- خىتاي ھۆكۈمىتى تيەنئەنمىن ۋەقەسىدىكى نامايىشچىنى 18 يىلدىن كېيىن قويۇپ بەردى
- خوڭكوڭغا كەلگەن خۇ جىنتاۋ، نارازىلىق نامايىشلىرى بىلەن قارشى ئېلىندى
- خۇ جىنتاۋ 1 - ئىيۇل كۈنى خوڭكوڭدا نامايىش باشلىنىشتىن بۇرۇن بېيجىڭغا قايتىدىكەن
- سىچۈەن ئۆلكىسىدە مىڭدىن ئارتۇق ئامما ۋە ئوقۇغۇچىلار بىرلىكتە نامايىش قىلدى
- ئىچكى موڭغۇلدا 5 مىڭدىن ئارتۇق خەلق ئاممىسى ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشتى
- خوڭكوڭ تولۇق دېموكراتىيىگە تەييارلانماقتا