خوڭكوڭ دېموكراتلىرى خوڭكوڭنى دېموكراتىك ئىدارە قىلىشقا قىستىماقتا
خوڭكوڭنىڭ دېموكراتىيىسىنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە قارار بەلگىلەش ئۈچۈن خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئېچىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان پەيتلەردە، خوڭكوڭنىڭ دېموكراتىك پارتىيىسى 7 كۈنگە سوزۇلىدىغان ئاچلىق ئېلان قىلىش ھەرىكىتىنى باشلاپ، 2012- يىلىغىچە، خوڭكوڭدا خەلققە تولۇق، ئومۇميۈزلۈك بىلەت تاشلاپ سايلام ئېلىپ بېرىش ھوقۇقى بېرىلىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى.
مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان خوڭكوڭ باش مەمۇرى زىڭ يىڭچۇەن، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە دوكلات يوللاپ، 2017- يىلىغىچە خوڭكوڭدا تولۇق دېموكراتىيىنى يولغا قويۇشنىڭ خوڭكوڭنىڭ ئەھۋالىغا تېخىمۇ باپ كېلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
ئەمما دوكلات يوللىنىپ بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كىيىن خوڭكوڭدىكى دېموكراتىك پارتىيە ئەزالىرى يەكشەنبە كۈنىدىن باشلاپ ئاچلىق ئېلان قىلىپ، خوڭكوڭدا تولۇق دېموكراتىيىنى يولغا قويۇشنى 2017- يىلغىچە سۈرۈش پىكرىگە نارازىلىق بىلدۈردى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئاچلىق ئېلان قىلىش نامايىشى خوڭكوڭ قانۇن بەلگىلەش ئىدارىسىنىڭ ئالدىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، نامايىشىنى تەشكىللىگۈچى خوڭكوڭ دېموكراتىك پارتىيىسىنىڭ رەئىسى خې جۈنرېن ئۆزلىرىنىڭ ئانچە ئۈمىدۋار ئەمەسلىكىنى، چۈنكى خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭنىڭ كەلگۈسىدە تولۇق دېموكراتىيىنى يولغا قويۇش پىكرىنى ئانچە قوبۇل قىلىپ كېتەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەپيۈن ئۇرۇشىدىن بۇيان بۈيۈك برىتانىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولۇپ كەلگەن خوڭكوڭ، 1997- يىلى خىتايغا ئۆتكۈزۈلۈپ بېرىلگەن بولۇپ، ئەينى چاغدا خىتاي ھۆكۈمىتى بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش نەزەرىيىسىنى تونۇشتۇرۇپ خوڭكوڭنىڭ دېموكراتىك تۈزۈمىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن ئىدى.
خوڭكوڭ باش مەمۇرى زىڭ يىڭچۇەن خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە يوللىغان دوكلاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىدىن خوڭكوڭدا تېخىمۇ كەڭ دېموكراتىيىنى يولغا قويۇش تەلەپ قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما كۆپلىگەن خوڭكوڭ خەلقنىڭ 2012- يىلىغىچە خوڭكوڭدا بىۋاسىتە سايلام ئېلىپ بېرىش ھوقۇقى بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
مۇشۇ ھەپتە ئاخىرى، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بېيجىڭدا، زىڭ يىڭچۇەن بېيجىڭ دائىرىلىرىگە يوللىغان مەزكۇر دوكلاتنى مۇزاكىرە قىلىدۇ ۋە خوڭكوڭنىڭ كەلگۈسى تەقدىرىنى بەلگىلەش ئۈچۈن قارار ماقۇللاش يىغىنى ئاچىدۇ. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقوقى ھەققىدىكى تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى
- چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ياۋروپا پارلامېنتنىڭ خىتايدا پىكىر ئەركىنلىكىنى يولغا قويۇش ھەققىدىكى قارار لايىھىسىنى ئالقىشلىدى
- تەيۋەندە سىياسىي جىنايەتچىلەر تۈرمىسى كىشلىك ھوقۇق باغچىسىغا ئۆزگەرتىلدى
- خىتاي " جۇڭگونىڭ سىياسىي پارتىيە تۈزۈمى" ناملىق ئاق تاشلىق كىتابىنى ئېلان قىلدى
- مۇخبىرلار بايرىمى كۈنىدە چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارەت قىلىشى چەكلەندى
- ئامېرىكا فېدېرال سوتى ياخۇ ئىنتېرنېت شىركىتى ئۈستىدىن ئىسپات يىغىنى ئاچماقچى
- خوڭكوڭ دېموكراتىيە رەھبىرى لى جۇمىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنى ئولىمپىك مەزگىلىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى
- خوڭكوڭلىقلار ئومۇمىي سايلام ئۆتكۈزۈش نامايىشى ئېلىپ باردى
- خىتاي، تەيۋەن دېموكراتىيە -ئىلغارلىق پارتىيىسىنىڭ مۇستەقىللىقنى تەستىقلىغۇچى قارارنامىسىنى قاتتىق تەنقىدلىدى