خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ دوكلاتىنى ئىنكار قىلدى
2004.10.06
خىتاينىڭ خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق ۋەكىللىك ئورنىنىڭ باياناتچىسى چارشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ يىللىق دوكلاتىدا تىلغا ئېلىنغان خوڭكوڭغا ئالاقىدار مەزمۇنلارنى ئىنكار قىلدى.
ئۇ باياناتىدا،خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى قىلچە تەۋرەنمەستىن خوڭكوڭدا "بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم" ، "خوڭكوڭنى خوڭكوڭلۇقلار باشقۇرۇش" سىياسىتىنى يۈرگۈزىۋاتىدۇ دىگەن. ئۇيەنە ئامېرىكادۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتىتىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىقىنى تەلەپ قىلغان.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتىتى سەيشەنبە كۈنى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقوق ۋە قانۇن تۈزۈم يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلغان. ئۇنىڭدا خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ يىل تۆتىنچى ئايدا خوڭكوڭدىكى ئىسلاھات ھەققىدە ئاساسىي قانۇنغا چۈشەندۈرۈش بەرگەنلىكى، خوڭكوڭدىكى دىموكراتىيە قەدىمىنى ئاستىلىتىپ، "خوڭكوڭ ئاساسىي قانۇنى"دا بەلگىلەنگەن خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ئالىي ئافتونومىيىدىن بەھرىمان بولۇش پىرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى كۆرسەتكەن ئىدى.
مەزكۈر دوكلاتتا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە سىياسىي ھوقوقلىرىنى دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىمۇ تەنقىد قىلىنغان. (ئارزۇ)