خوڭكوڭ خەلقى نامايىش ئۆتكۈزۈپ، دېموكراتىيىنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى
2005.01.23
خوڭكوڭدىكى ئىككى مىڭدىن ئارتۇق كىشى يەكشەنبە كۈنى كوچىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن خوڭكوڭنىڭ دېموكراتىيىسىنى كۈچەيتىشكە ۋە ئىجتىمائىي باراۋەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا يول قويۇشىنى تەلەپ قىلدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نامايىشچىلار ھەر خىل لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ، شوئارلارنى توۋلاپ، 2007 - ۋە 2008 - يىللىرى خوڭكوڭدا بىۋاستە سايلام ئېلىپ بېرىشنى چاقىرغان. خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باشلىقى 2007 - يىلى، پارلامېنت ئەزالىرى بولسا 2008 - يىلى باشقىدىن سايلىنىدۇ.
نۆۋەتتىكى خوڭكوڭ پارلامېنتىدىكى 60 ئەزانىڭ يېرىمى بىۋاستە سايلام ئارقىلىق مەيدانغا كەلگەن ، قالغان يېرىمى ئالاھىدە تەشكىلاتلارنىڭ تاللىشى بىلەن سايلانغان. خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايۇننىڭ باشلىقى دوڭ جيەنخۇا بولسا 800 كىشىلىك بېيجىڭپەرەس سايلام كومىتېتىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن تەيىنلەنگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى خوڭكوڭنى ئۆتكۈزىۋېلىشنىڭ ئالدىدا، خوڭكوڭنىڭ تۈزۈمى ۋە قانۇنىنى 50 يىلغىچە ئۆزگەرتمەيدىغانلىقىنى، خوڭكوڭغا ئالىي ئاپتونومىيە بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان بولسىمۇ، بىراق خوڭكوڭنى قايتۇرىۋالغاندىن كىيىن، ئۇنىڭ دېموكراتىيىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىشىنى رەت قىلماقتا.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، نۇرغۇن خوڭكوڭ ئاھالىلىرى، خىتاينىڭ خوڭكوڭدىكى كونتروللىقىنىڭ ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. (ئارزۇ)