خوڭكوڭدا چىقىدىغان گېزىتلەرنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خوڭكوڭدا كېلەر يىلى ئۆتكۈزىلىدىغان 3 - نۆۋەتلىك ئالاھىدە رايون باشلىقى سايلىمىدىن بۇرۇن، قائىدە بويىچە، بۇ يىل 11 - دېكابىر كۈنى پارلامېنىت سايلىمى ئۆتكۈزۈلگەن.
بۇ قېتىمقى پارلامېنت سايلىمىنىڭ نەتىجىسىگە قارىغاندا، خوڭكوڭ پارلامېنتىدا دېموكراتچىلار 134 ئورۇنغا ئېرىشكەن. ئادەتتە 100 دىن ئارتۇق ئورۇنغا ئىگە بولغان تەرەپ ئالاھىدە رايون باشلىقىنىڭ نامزاتىنى كۆرسىتىش سالاھىتىگە ئىگە بولاتتى. خوڭكودا ھازىر ئاساسىي قاتلاملاردا سايلام داغدۇغىسى بولىۋاتىدۇ. مۇلاھىزىچىلەرنىڭ بايان قىلىشىچە، خوڭكوڭدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ قېتىمقى پارلامېنت سايلىمىنىڭ نەتىجىسى مۇستەبىت تەرەپدارلىرى ئۈچۈن بىر چوڭ مەغلۇبىيەت. (ۋەلى)