خوڭكوڭلۇقلار دېموكراتىيىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش ئۆتكۈزدى

يەكشەنبە كۈنى بىر قانچە مىڭ كىشى خوڭكوڭ مەركىزىي مەيدانىدا ئومۇمىي يۈزلۈك دېموكراتىيىنى تەلەپ قىلىپ نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى.

خەلقئارالىق ئاگېنتلىقلارنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نامايىشچىلار 2012-يىلى ئومۇمىي يۈزلۈك دېموكراتىيىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، چۈنكى، بىر ھەپتىدىن كېيىن خوڭكوڭ قانۇن پالاتاسى خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىيىتىنىڭ باشلىقىنى سايلاپ چىقىدۇ.

چۈنكى، 800 كىشىلىك قانۇن پالاتانىڭ كۆپىنچىسى خىتاي كومپارتىيىسىنى ياقىلايدىغانلار بولغانلىقى ئۈچۈن نۆۋەتتىكى خوڭكوڭ باش ۋالىسىنىڭ قايتىدىن مەزكۇر پالاتانىڭ سايلىمىدا غەلىبە قىلىشى مۇمكىنلىقى پەرەز قىلىنماقتا.

نۆۋەتتە، خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى بېيجىڭ پەرەسلەرنىڭ قولىدا بولۇپ، خوڭكوڭدىكى دېموكراتىك تەشكىلاتلار دائىم نارازىلىق نامايىشلىرى ئۆتكۈزۈپ، خوڭكوڭ پۇقرالىرىنىڭ دېموكراتىك ھوقۇقلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى تەلەپ قىلغان. بۇنداق نامايىشلارنىڭ ئەڭ چوڭىغا بىر قېتىمدا بەش يۈز مىڭ ئادەم قاتناشقان.

يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن خوڭكوڭ مەمۇرىيەت بىناسى ئالدىدىكى نامايىشقا دېموكراتىك ئۆكتىچى رەھبىرى لياڭ جياجېمۇ ئىشتىراك قىلغان ئىكەن. نامايىشچىلار بۇ 800 كىشىنىڭ پۈتۈن خوڭكوڭ خەلقىغە ۋەكىللىك قىلالامايدىغانلىقى، خوڭكوڭدا ئومۇمىي سايلام يولغا قويۇلۇشىنى، خوڭكون خەلقنىڭ ئۆزلىرى خالىغان ئادەمنى باش ۋالىلىققا سايلاپ چىقىشى تەلەپ قىلغان.

خوڭكوڭ سايلام قائىدىسى بويىچە 800 كىشىدىن تەركىپ تاپقان سايلام پالاتاسى بەكىتىلگەن بولۇپ، پەقەت مەزكۇر 800 كىشىلا خوڭ كوڭنىڭ باش ۋالىسىنى سايلايدىكەن. دېموكراتلار سايلىغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ بېيجىڭپەرەس ئادەملەر ئىكەنلىكىنى تەنقىد قىلماقتا. (ئۈمىدۋار)