رويترىس ئاگېنتىلقىنىڭ خوڭكوڭدىن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، 15 - مارت، خوڭكوڭ مەمۇرىيىتىنىڭ باشلىقى بولۇشنى تالىشىۋاتقان ئىككى كاندىدات، شۇ جاي ۋاقتى بىلەن پەيشەنبە كۈنى كەچتە تېلېۋىزوردا مۇنازىرە ئېلىپ بارماقچى. بۇ تېلېۋىزور مۇنازىرىسى بىر ھەپتىدىن كىيىن خوڭكوڭدا ئېلىپ بېرىلىدىغان باشلىق سايلىمىدا خىتاي سىياسىتىنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا بولۇش چېكىنى سىنايدىكەن.
خوڭكوڭدىكى ئۆكتىچى پارتىيە تەرەپتىن تاللانغان تۇنجى نامزات لياڭ جياجيې (梁家杰 - ئالان لوڭ)، ھازىر خوڭكوڭدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان، خىتاي ھۆكۈمىتى قوللايدىغان زىڭ يىڭچۇئەن (donald Tsang) غا قارشى سايلامغا قاتنىشىدۇ.
25 - مارت، 796 نەپەر كىشىدىن تەركىپ تاپقان بېيجىڭپەرەس باھالىغۇچىلار خوڭكوڭنىڭ كېلەر نۆۋەتلىك باشلىقىنى تاللاپ چىقىدۇ.
ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، زىڭ يىڭچۈئەننىڭ ئۇتۇش نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن ئىكەن. ئىككى ھەپتە ئىلگىرى تۇنجى قېتىملىق مۇنازىرىدىكى غەلىبىلىك نەتىجىسى بىلەن لياڭ جياجيې بېيجىڭنى تەمتىرىتىپ قويغان.
خوڭكوڭ شەھەرلىك ئۇنىۋېرسىتېت سىياسىي ئانالىزچىسى جەيمىس سۇڭ "مېنىڭىچە، مەركىزى ھۆكۈمەت ئازراق بېسىم ھېس قىلىۋاتىدۇ." دەيدۇ.
مۇلاھىزىچىلەرنىڭ قارىشىچە، خوڭكوڭدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇ تېلېۋىزور مۇنازىرىسى، ھۆكۈمەت باشلىقلىرى ئۆچ ئالماي، ئوچۇق-يورۇق سايلام رىقابىتى ئېلىپ بارىدىغان ئەھۋال ئىنتايىن كەم ئۇچرايدىغان خىتايدىكى تۇنجى باشلىنىش ئىكەن. لېكىن، خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى خوڭكوڭنىڭ سىياسى ئىسلاھاتىدىكى ئاخىرقى قارارنى يەنىلا بېيجىڭ چىقىرىدۇ دەپ ئاگاھلاندۇرغان.
خىتاي دۆلەت مەجىلىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى چېڭ سىۋىي سەيشەنبە كۈنى خوڭكوڭنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى " ئەگەر خوڭكوڭ سىياسەتكە ئارىلىشىپ نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلسا، ياكى بارلىق ۋاقتىنى مۇشۇ ئىشقا سەرپ قىلسا، چوقۇم چەتكە قېقىلىدۇ". خوڭكوڭدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇ تېلېۋىزور مۇنازىرىسنى 8 ئاخبارات تارقىتىش شىركىتى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، خەلق ئاممىسى داخىل بولغان چوڭ زالدا ئېلىپ بېرىلىدىكەن. بۇ مۇنازىرىدە خەلق ئاممىسى كاندىداتلاردىن بىۋاستە سۇئال سورىيالايدىغان بولۇپ، مۇشۇ جەھەتتە ئامېرىكىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان تېلېۋىزور مۇنازىرىلىرىدىن روشەن پەرقلىنىدىكەن. ئامېرىكىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان تېلېۋىزور مۇنازىرىسگە پەقەت مۇئەييەن نىسبەتتىكى تاللانغان ئامما قاتنىشىدۇ. (جۈمە)