خىتاي ھۆكۈمىتى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي نەسلىدىن بولغان ئامېرىكا پۇقراسى ۋاڭ فىيلىننى تۇتۇپ تۇرۇش جەريانىدا خارلىغانلىقىنى ئىنكار قىلدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى كۇڭ چۈەن باياناتىدا، "ۋاڭ فىيلىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلىدى ھەم بۇنى ئىقرارمۇ قىلدى. ساقچى دائىرىلىرىمىز، ئۇنىڭ مەسىلىسىنى تەكشۈرگەندىن كىيىن،بۇ ھەقتە ئامېرىكىنىڭ شاڭخەيدە تۇرۇشلۇق كونسولخانىسىغا ئىككى قېتىم خەۋەر قىلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىككى دۆلەت كېلىشىمىگە ئۇيغۇن" دېدى.
ئەمما، خىتايدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك كېلىشىمىگە ئاساسەن، ئۇنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى تۆت كۈن ئىچىدە ئامېرىكا دائىرىلىرىگە خەۋەر قىلىشى كېرەك بولۇپ ،بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇ قولغا ئېلىنىپ سەككىزىنچى كۈنى ئاندىن ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنى خەۋەرلەندۈرگەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن ھەمدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ۋاڭ فېيلىڭغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى مۇۋاپىق بولمىغان دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.
ئامېرىكا جورجىيا شتاتلىق تېخنىكا ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ پروفېسسورى ۋاڭ فىيلىن ئۆتكەن ئايدا خىتايدىكى ئەمگەكچىلەر ھوقۇقى ۋە نوپۇس تۈزۈمىنى تەتقىق قىلىش ھەمدە توققانلىرىنى يوقلاش ئۈچۈن شاڭخەيگە بارغىنىدا، شاڭخەي ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. خىتاي دائىرىلىرى ئۇنى "دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاش جىنايىتى" بىلەن ئەيىبلەپ، 8 - ئاۋغۇست كۈنى چېگرىدىن چىقىرىۋەتكەن . ۋاڭ ۋىيلىڭنىڭ ئېيتىشىچە،خىتاي دائىرىلىرى ئۇنى تۆت كۈن سولاقخانىغا يالغۇز قامىغان ۋە بۇ جەرياندا ئۇخلاش بىلەن سۇ ئىچىشتىن مەھرۇم قىلغان. (ئارزۇ)