تۆت ئامېرىكىلىق ئاقسۇدا ساقچىلار تەرىپىدىن بىدئەت دەپ قولغا ئېلىنغان

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن 4 ‏- ئاينىڭ 25 ‏- كۈنى بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، ئۈچ كىشىلىك ئامېرىكا خرىستئان ئىبادەتخانا يېتەكچىلىرى گۇرۇپپىسى ئاقسۇنى زىيارەت قىلىۋاتقاندا، تۈنۈگۈن 30 دەك خرىستئان مۇرىتلىرى ئۇلارنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن ھۆكۈمەت رۇخسەت قىلغان خرىستئان ئىبادەتخانىسىغا توپلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ 4 نەپەر ئامېرىكىلىق خرىستئان ئىبادەتخانا يېتەكچىلىرىنى ۋە يەرلىك خرىستئان مۇرتلىرىدىن 8 كىشىنى 'بىدئەت' دېگەن جىنايى نام بىلەن قولغا ئېلىپ سولاپ قويغان. بۇ كىشىلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش 30 كۈنگىچە بولۇشى مۇمكىن.

ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ خادىمى سۇسەن خانىمنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا ئەلچىخانا خادىملىرى بۇ دېلو ھەققىدە خىتاي ساقچى ئورگانلىرى بىلەن تېخىچە سۆزلىشەلمىگەن. ئامېرىكا تەرەپ ھازىر ، بۇ قېتىم ئاقسۇدا تۇتقۇن قىلىنغان خىتاي خىرىستىيان مۇرتلىرىنىڭ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرلىرىغا ئەۋەتىلىشىدىن ئەنسىرىمەكتە. (ۋەلى)