خۇ جىنتاۋ 1 ‏- ئىيۇل كۈنى خوڭكوڭدا نامايىش باشلىنىشتىن بۇرۇن بېيجىڭغا قايتىدىكەن

رادىئومىز مۇخبىرلىرىنىڭ خوڭكوڭدىن ئالغان ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا، خىتاينىڭ دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ 6 ‏- ئاينىڭ 29 ‏- كۈنى خوڭكوڭغا بارىدۇ. ئۇ 7 ‏- ئاينىڭ 1 ‏- كۈنى خوڭكوڭنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى تەبرىكلەش ۋە خوڭكوڭدا 3 ‏- نۆۋەتلىك ئالاھىدە رايون ھۆكۈمىتى ھوقۇق تۇتۇشقا باشلىغانلىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىملىرىغا قاتنىشىدۇ.

خوڭكوڭنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى جەريانىدا، 7 ‏- ئاينىڭ 1 ‏- كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تە، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ دېموكراتىيىنى بوغقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرىدىغان چوڭ نامايىش بولىدىغانلىقى، نامايىشتا 1989 ‏- يىلى بېيجىڭدىكى تيەنئەنمېن مەيدانىدا يۈز بەرگەن قانلىق باستۇرۇش ۋەقەسى ھەققىدە نۇتۇق سۆزلىنىدىغانلىقى بۇنىڭدىن خېلى بۇرۇنلا ئېلان قىلىنغان ئىدى.

ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، خۇ جىنتاۋ خوڭكوڭدا نامايىش باشلىنىشتىن بۇرۇن بېيجىڭغا قايتىپ كېلىدىكەن. (ۋەلى)