خوڭكوڭنىڭ ئەنگىلىيە تەرىپىدىن خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقىنىڭ ئون يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان مۇراسىملارغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۈمە كۈنى خوڭكوڭغا كەلگەن خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ، نارازىلىق نامايىشلىرى بىلەن قارشى ئېلىندى.
خۇجىنتاۋ چۈشكەن مىھمانخانا ئەتراپىغا يىغىلغان ئونلىغان نامايىشچى، خۇجىنتاۋ ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى شۇئارلار تۆۋلاپ، مېھمانخانىغا يېقىنلىشىشقا تىرىشقان بولسىمۇ، ئەمما ساقچىلار ئۇلارنىڭ مىھمانخانىگە قاراپ ئىلگىرلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان.
بۇ، خۇ جىنتاۋ نىڭ خىتاي دۆلەت رەئىسى ۋەزىپىسنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، خوڭكوڭنى تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. خۇ جىنتاۋ ئۆتكەن ئون يىل جەريانىدا خوڭكوڭدا يۈزبەرگەن تەرەققىياتنى ماختاپ، خوڭكوڭ خەلقىنى تېخىمۇ ۋەتەنپەرۋەر بولۇشقا چاقىرغان.
ئۇ خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ " بىر دۆلەتتە، ئىككى خېل تۈزۈم" پرىنسىپىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، مەركىزى ھۆكۈمەت خوڭكوڭنى، خوڭكوڭ خەلقى باشقۇرۇش پرىنسىپىدا چېڭ تۇرىدۇ دەپ كۆرسەتتى.(ئۆمەر قانات)