خۇ جىنتاۋ ئۆز يېقىنلىرىنى ئۆستۈرۈپ ئۆز ھوقۇقىنى مۇستەھكەملىمەكتە

خىتاي پرېزىدېنتى خۇ جىنتاۋ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى 17- قۇرۇلتىيىدىن بۇرۇن ئۆز يېقىنلىرىنى مۇھىم ئورۇنلارغا قويۇش ئارقىلىق خىتاي ھاكىمىيىتىدىكى ئورنىنى مۇستەھكەملەشكە باشلىغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 31- ئاۋغۇستتىكى مەلۇماتىغا قارىغاندا خۇ جىنتاۋ ھازىر خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى دائىمىي ئىشلار مۇدىرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان يېقىنى لىڭ جىخۇانى ھازىر خىتاي مەركىزىي كومىتېت دائىمىي ئىشلار مۇدىرىيىتىنىڭ باش مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ۋاڭ گاڭنىڭ ئورنىغا ئۆستۈرمەكچى ئىكەن.

ۋاڭ گاڭ 1977- يىلىدىن 1981- يىلىغىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى پارتكومىنىڭ باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن بولۇپ، ئىچكى ئىشلاردىن خەۋەردار زاتلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ۋاڭ گاڭ سابىق خىتاي رەئىسى جياڭ زېمىننىڭ ئادىمى ئىكەن.

ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىرەيلەن رويتېرسقا: "بۇ بەك مۇھىم ئورۇن" دېگەن ۋە شۇنداق قىلىش ئارقىلىق خۇ جىنتاۋنىڭ ئۆز سىياسىي ئورنىنى مۇستەھكەملەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

سىياسىي بيۇرو بولسا خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىنىڭ مەركىزى بولۇپ، قانۇن بەلگىلەش، قارار ئېلىش قاتارلىق بىر قاتار نازۇك ۋە مەخپىي مەسىلىلەر بىر تەرەپ قىلىنىدىغان ئورۇن.

پارتىيە مەركىزى كومىتېت دائىمىي ئىشلار مۇدىرىيىتىنىڭ سابىق مۇدىرلىرى ھازىر سىياسىي بيۇرونىڭ كاندىدات ئەزالىرى بولۇپ بۇلارنىڭ ئىچىدە، باش مىنىستىر ۋېن جىياباۋ ۋە مۇئاۋىن رەئىس زېڭ چىڭخۇڭ قاتارلىقلار بار. (جۈمە)