خۇ جىنتاۋ تەيۋەندە يولغا قويۇلىدىغان ئومۇمىي خەلق ئاۋاز قويۇش نى بۆلگۈنچىلىك دەپ جاكارلىغان


2007.09.05

ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ھەمكارلىق تەشكىلاتى دۆلەتلىرى يىغىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئاۋسترالىيىگە كەلگەن خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ 9 ‏- ئاينىڭ 5 ‏- كۈنى، ئاۋسترالىيىنىڭ كامبېرا شەھىرىدە، خىتاينىڭ ئاۋسترالىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى خادىملىرى، خىتاي مۇھاجىرلىرى قاتناشقان بىر يىغىندا سۆز قىلىپ، تەيۋەن مەسىلىسى توغرىسىدا تۇنجى قېتىم پوزىتسىيە بىلدۈردى.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۇيبيەن يېقىندا، تەيۋەننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن چىقىپ كەتكىنىگە 35 يىل توشقان كۈنىنى، يەنى 10 ‏- ئاينىڭ 25 ‏- كۈنىنى بۇيىلدىن باشلاپ 'تەيۋەن مۇستەقىللىقى خاتىرە كۈنى ' قىلىشنى، مۇشۇ كۈندە 'تەيۋەننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا قايتىدىن ئەزا بولۇپ كىرىش-كىرمەسلىكى ھەققىدە ئومۇمىي خەلق ئاۋاز قويۇپ قارار قىلىش'نى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە بۇنى تەيۋەننىڭ بىردىن- بىر ھاياتلىق يولى دەپ جاكارلىغان ئىدى.

خۇ جىنتاۋ بۈگۈن كامبېرادا قىلغان سۆزىدە بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ 'ھېچكىمنىڭ تەيۋەننى جۇڭگودىن بۆلۈپ چىقىپ كېتىشىگە يول قويمايمىز' دەپ جاكارلىغان.

'دوۋېي ئاگېنتلىقى'نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ بۈگۈن كامبېرادا قىلغان سۆزىدە 'تەيۋەننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا قايتىدىن ئەزا بولۇپ كىرىش-كىرمەسلىكى ھەققىدە ئومۇمىي خەلق ئاۋاز قويۇپ قارار قىلىش' نى 'تەيۋەن بۆلگۈنچىلىكى'دەپ ئاتىغان. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.