كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خۇ جىيانىڭ ئادۋوكاتى يوقاپ كەتتى


2008.03.10

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خۇ جىيا بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتلىك ئادۋوكات تۇيۇقسىز يوقاپ كەتكەن بولۇپ،خوڭكوڭغا جايلاشقان خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرى جەمئىيىتىنىڭ تور بېتىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئادۋوكات تېڭ بياۋ پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدىكى ئىشخانىسىدىن قايتىپ كەلمىگەن. ئۇنىڭ ئايالىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئادەتتە كەچ سائەت 8 لەر ئەتراپىدا ئۆيىگە كېلىپ بولىدىكەن.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، تېڭ بىياۋنىڭ ئايالى ۋاڭ لىڭ يولدىشى ئۆيگە كېلىدىغان ۋاقىت بولغاندا ئۆزى تۇرۇشلۇق بىنا ئالدىدا ۋارقىراش - جارقىراشلارنى ئاڭلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسا، كوچىدىكى كىشىلەر بىر كىشىنىڭ قارا رەڭلىك پىكاپقا مەجبۇرىي بېسىپ ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ھازىرچە مەزكۇر كىشىنىڭ تېڭ بياۋ ئىكەنلىكى تېخى جەزىملەشتۈرۈلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتايدا كىشىلىك ھوقوق پائالىيەتچىلىرىنى قولغا ئېلىش بۇيرۇقىسىزلا تۇتۇلۇپ كېتىدىغان ئىشلار كۆپ ئۇچرايدىكەن.

تېڭ ئەسلىدە خىتايدىكى ئەيدىز پائالىيەتچىسى خۇ جىيا بىلەن يېقىن بولۇپ، ئۇ خىتاي سىياسى تەتقىقات ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ لېكتورى ۋە قوشۇمچە ئادۋوكات ئىدى.

تېڭ ئىككى يىلىنىڭ ئالدىدا كىشىلىك ھوقوق دېلوسى ئىشلەۋاتقان مەزگىلدە خۇ جىيا بىلەن ئۇچراشقان ۋە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا خۇ جىياغا يۇقىرى باھا بېرىپ: "خۇ جىيا مەن بىلىدىغان پائالىيەتچىلەر ئىچىدە ئەڭ قورقۇمسىز ئادەم ئىدى. ئۇ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىن ئۆزىنى قاچۇرغان ئەمەس" دېگەن ئىدى. (جۈمە)‏

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.