خۇمدان "قۇل ئىشچى" سەتچىلىكىگە ئالاقىدار ئون نەچچە ئادەمنى سوتلاش باشلاندى

ئالدىنقى ئايدا، ئىشچىلارنى خۇمداندا قۇل قىلىش سەتچىلىكى پۇر كەتكەندىن كىيىن، بۇ ئىش پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا كۈچلۈك غۇلغۇلا ۋە نەپرەت قوزغىغان ئىدى. چارشەنبە كۈنى، ئەشۇ خۇمدان "قۇل ئىشچى" سەتچىلىكىگە ئالاقىدار ئون نەچچە ئادەمنى سوتلاش باشلاندى.

ئالدىنقى ئايدا شەنشى ۋە خېنەن ئۆلكىلىرىدە، يۈزلىگەن دېھقان ئۆسمۈرلەرنىڭ ئالدىنىپ خۇمدان ۋە كۆمۈركانلاردا ئىشلەشكە مەجبۇرلىنىپ قۇل قىلىنغانلىق خەۋىرى ئاشكارىلانغاندىن كىيىن خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى، قۇل قىلىش ۋە ئۆسمۈر ئىشچىلارنى ئىشلىتىش قىلمىشلىرىغا زەربە بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

خىتاي تېلېۋىزورلىرىدا ، قاراۋۇللارنىڭ ئىشچىلارنى ئىتقا تالاتقانلىقى ۋە ئۇرغانلىقىنى كۆرسەتكەن ھەم ئازات قىلىنغان ئىشچىلارنىڭ ئېغىر ئەمگەك ۋە تاياق زەربىسىدىن ئورۇقلاپ شۈمشىيىپ، يارىلىرى يىرىڭلاپ كەتكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ، شەنشى ئۆلكىسى لىنفېن شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىدىكى بىر خادىمىدىن ئىگىلىشىچە، خۇمدان ئىگىسى ۋاڭ بىڭبىن، نازارەتچى خېڭ تىڭخەن ۋە بەزى خۇمدان قاراۋۇللىرى ئۇستىدىن سوت ئېچىش باشلانغان.

مەزكۇر سوتخانا خادىمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە، بۇ جىنايەتچىلەرگە، قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ۋە خورلاش قاتارلىق جىنايەتلەر ئارتىلغان.

خىتاي ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خۇمدان خوجايىنى ۋاڭ شۇ جايدىكى يەرلىك كوممۇنىستىك پارتىيە سېكرىتارىنىڭ ئوغلى ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ھازىرغا قەدەر بۇ ۋەقەگە چېتىشلىق 130 ئادەم قولغا ئېلىنغان ۋە 500 دىن ئارتۇق ئىشچى قۇللۇقتىن ئازات قىلىنغان. (جۈمە)