خىتايدا ئۇزۇندىن بىرى مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان خۇسۇسى مۈلۈكنى قوغداش قانۇنى يېقىندا يولغا قويۇلىشى مۇمكىن. خەۋەرلەرگە قارىغانداخۇسۇسى مۈلۈك توغرىسىدىكى قانۇن لايىھىسى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى قانۇن ماقۇللاش كومىتېتىغا تاپشۇرۇلغان.
خىتاي مەتبۇئاتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ۋۇ باڭگو ۋە قۇرۇلتاينىڭ باشقا رەھبەرلىرى يەكشەنبە كۈنى خۇسۇسى مۆلۈك قانۇنىنىڭ ئالتىنجى قېتىم تۈزۈپ چىقىلغان شەكلىنى مۇھاكىمە قىلغان بولۇپ، ئاخىرقى شەكلىنىڭ خۇسۇسى مۈلۈك بىلەن دۆلەت ئىگىلىكى مۈلۈك ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى ياخشى ساقلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي مەتبۇئاتىدا چىققان خەۋەرلەر ۋە خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرىنىڭ مەزكۇر قانۇن لايىھىسى ھەققىدىكى ئىجابىي سۆزلىرى، تۇنجى خۇسۇسى مۇلۈك قانۇنىنىڭ يېقىندا قوبۇل قىلىنىپ، يولغا قويولىدىغانلىقىنىڭ بىشارىتىنى بەرمەكتە. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى ئالدىمىزدىكى مارت ئىيىدىكى ئومۇمىي يېغىنىدا مەزكۇر قانۇننى ماقۇللىشى مۇمكىن.
خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئىچىدە نۇرغۇن تالاش-تارتىشلارغا سەۋەب بولغان خۇسۇسى مۈلۈك قانۇنى توغرىسىدىكى تەكلىپ بەش يىل بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى. كوممۇنىست پارتىيىسى ئىچىدىكى بەزى سولچى ئىقتىساد شۇناسلار، ئالىملار ۋە ئەمەلدارلار، بۇ قانۇن دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ يوقىلىشىغا سەۋەب بولىدۇ دەپ، قانۇنغا قارشى چىققان. پارتىيە ئىچىدىكى ئىقتسادىي ئىسلاھات تەرەپدارلىرى مەزكۈر قانۇننى قوللىغان ئىدى. ھەتتا كوممۇنىست پارتىيىسى ئىچىدىكى تالاش-تارتىشلار تۈپەيلىدىن كومپارتىيە رەھبەرلىرى مارت ئېيىدا بۇ قانۇن لايىھىسىنى خەلق قۇرۇلتىيىغا سۇنۇشتىن ۋاز كەچكەن. ئەمما ئاۋغۇست ئېيىدا خۇسۇسى مۈلۈك ھەققىدە تەييارلانغان بەشىنچى لايىھىدە دۆلەت ئىگىلىكى ئىقتسادىي تۈزۈمنىڭ ئاساسلىق بەلگىلىگۈچسى دەپ بېكىتىلگەندىن كېيىن، قانۇنغا قارشى چىققانلارنىڭ نارازىلىقى پەسەيگەن. (قانات)