خىتاي بىلەن ياپونىيە يىپەك يولىدىكى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش كېلىشىمى ئىمزالىدى


2006.02.27
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتاينىڭ دۆلەتلىك مەدەنى يادىكارلىقلارنى قوغداش ئىدارىسى بىلەن ياپونىيە مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە سەنئەت تەتقىقات فوندى جەمئىيىتى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە گەنسۇ قاتارلىق يىپەك يولى بويىدىكى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش تۈرى بويىچە كېلىشىم ئىمزالىدى.

كېلىشىم بويىچە ياپونىيە مەزكۇر تۈرگە بىر مىليون 280 مىڭ دوللار مەبلەغ سېلىپ، يىپەك يولى بويىدىكى مەدەنىي مىراسلارنى قوغدايدىغان 100 نەپەر كەسپىي خادىمنى يىتىشتۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ. خىتاي دۆلەتلىك مەدەنىي يادىكارلىقلارنى قوغداش ئىدارىسىدىكى دائىرىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ پىلان ئىككى تەرەپنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك تەتقىقات ئىنىستىتۇتلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى غەرب بىلەن شەرق ئارىسىدىكى قەدىمىي كارۋان يولىنىڭ ئەڭ مۇھىم تۈگىنى. خىتاي دائىرىلىرى يىپەك يولى بويىدىكى مىللىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ كەلمەكتە. ئەمما كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ خىل ئەھمىيەت بېرىش سىمۋول خاراكتېرلىك تۈسكە ئىگە بولۇپ، غەربنى ئېچىش ئىستراتېگىيىسى ئۇيغۇرلارنىڭ قۇرۇلۇش، باغ - ۋاران ۋە تۇرمۇش مۇھىتى ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران قىلغان.

شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى، "قەدىمىي كارۋان يولىدىكى نۇرغۇن مەدەنىيەت مىراسلىرى، تەبئىي ۋە سۈنئىي ئامىللار تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنىش تەھدىتىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، يىپەك يولى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغدايدىغان كەسپىي خادىملار ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، گەنسۇ، نىڭشيا، شەنشى ۋە خېنەن قاتارلىق جايلاردىكى ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلىق كەسپىي خادىملار ئارىسىدىن تاللىنىدۇ. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.