خىتاي گېنېرالى زۆرۈر تېپىلغاندا ئامېرىكىغا قارشى يادرو قورالى ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلدى


2005.07.15

بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ھەربىي گېنېرالى ئەگەر ئامېرىكا تەيۋەن مەسىلىسىدە جوڭگو بىلەن ئۇرۇش قىلسا، جوڭگو ئامېرىكىغا يادرو قوراللار بىلەن قايتۇرمە زەربە بېرىشى كېرەك، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىلمىي مۇدىرى گېنېرال مايور جۇ چىڭخۇ، " ئەگەر ئامېرىكىلىقلار باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى ۋە ھۇجۇم قىلىش پوزىتسىيىسىنى جوڭگو تېررىتورىيىسىدىكى نىشانلارغا ئورۇنلاشتۇرسا، مېنىڭچە بىز يادرو قوراللار بىلەن جاۋاب بېرىشىمىز كېرەك،" دەپ كۆرسەتتى. جۇ چىڭخۇ بۇ سۆزلەرنى خوڭكوڭ مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا سۆزلىگەن. ئەمما جۇنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ سۆزلەر ئۇنىڭ شەخسىي كۆز قارىشى بولۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىگە ۋەكىللىك قىلمايدىكەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى جۇ چىڭخۇنىڭ سۆزىگە باھا بېرىشنى رەت قىلدى. ئەمما جۇ چىڭخۇنىڭ سۆزى تەيۋەن دائىرىلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان.

تەيۋەن چوڭ قۇرۇقلۇق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مايكىل يوي، جۇ چىڭخۇنىڭ مەدىنىي دۇنيادىن " ئەپۇ سورىشىنى تەلەپ قىلدى." ھېچكىم يادرو قوراللار بالا - قازاسى يۈز بېرىشنى ئارزۇ قىلمايدۇ،" دەپ تەكىتلىگەن مايكىل يوي، " بۇ خىل كۆز قاراشلار لەنەتلىنىشى كېرەك،" دەپ كۆرسەتتى. جۇ چىڭخۇنىڭ سۆزى جوڭگو نېفىت شىركىتىنىڭ ئامېرىكا ئۇنوچال شىركىتىنى سېتىۋېلىش نىيىتى ئامېرىكىلىقلاردا گۇمان قوزغاۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلدى.(ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.