خىتاي گېنېرالى جۇ چىڭخۇنىڭ سۆزى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى
2005.07.18
جوڭگو دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىلمىي مۇدىرى گېنېرال مايور جۇ چىڭخۇنىڭ ئەگەر ئامېرىكا تەيۋەن ئۇرۇشىغا ئارلاشسا، ئامېرىكا ھەربىي نىشانلىرىغا يادرو قوراللار بىلەن زەربە بېرىش كېرەك، دېگەن سۆزى ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، جۇ چىڭخۇنىڭ سۆزى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلدى.
جۇ چىڭخۇ ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى خوڭكوڭ مەتبۇئاتلىرىغا بايانات بېرىپ، "ئەگەر ئامېرىكىلىقلار باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ھۇجۇم قىلىش پوزىسىيىسىنى جوڭگو تېررىتورىيىسىگە ئورۇنلاشتۇرسا، مېنىڭچە بىز يادرو قوراللار بىلەن جاۋاب بېرىشىمىز كېرەك،" دەپ تەكىتلىگەن. جۇ چىڭخۇ بۇ سۆزلەرنى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ ھەربىي ھازىرلىقلار ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات تەييارلاۋاتقان بىر چاغدا سۆزلىدى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تەكىتلىشىچە، جۇ چىڭخۇنىڭ سۆزى " ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك" كە ياتىدىكەن. ئامېرىكا، جۇ چىڭخۇنىڭ سۆزى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز، دەپ كۆرسەتتى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، جۇ چىڭخۇنىڭ سۆزى ئۇنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. جۇ چىڭخۇ شۇ قېتىمقى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، "جوڭگو تەرەپ شىئەننىڭ شەرقىدىكى پۈتۈن شەھەرلەرنىڭ ۋەيران بولۇشىغا تەييارلىق قىلىپ قويدى، بىراق ئامېرىكىمۇ نەچچە يۈز شەھرىنىڭ جوڭگو تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنىدىغانلىقىغا تەييارلىق قىلىپ قويۇشى كېرەك،" دەپ ئاگاھلاندۇرغان. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي گېنېرالى زۆرۈر تېپىلغاندا ئامېرىكىغا قارشى يادرو قورالى ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلدى
- ياۋروپا پارلامېنتى شەرقىي ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا چاقىردى
- مەخپىي ھۆججەت: ئامېرىكا خىتايدىكى بىر قاتار ھەربىي قۇرۇلۇشلاردىن خەۋەرسىز قالغان
- خىتاي، ھەربىي قۇرۇلۇشىنىڭ ئاسىيا بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى رەت قىلدى
- خىتاي 10 يىلنىڭ ئىچىدە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى تېخىمۇ كۆپەيتىشى مۇمكىن