خىتاي دائىرلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدىن بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا، خىتاي ئۆلكىسىدىن ئۈرۈمچىگە 300 مىڭ يۈئەن ساقتا پۇل ئېلىپ كېلىپ سودا قىلماقچى بولغان ۋېي گۇو چىيە ئىسىملىق بىر خىتاي ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، 11 يىل قاماق جازاسى بېرىلگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ۋېي گۇو چىيەن ئىسىملىق بۇ خىتاي بۇ يىل 6 - ئايدىن باشلاپ، ساقتا پۇل سېتىش سودىسى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ خېنەن ئۆلكىسىدىكى ساقتا پۇر سودىسى قىلىدىغانلاردىن ھەر 12 يۈئەن جىڭ پۇلغا 100 يۈئەن ساقتا پۇل تېگىشكەن، ئۇ ئۈرۈمچى شەھىرىگە كېلىپ مەلۇم بىر مېھمانخانىدا ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. (مېھرىبان)