خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 'جەمئىيەت ۋە قانۇن' ستونىدا 'شاخلىتىپ سېتىش چولپىنى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى' دېگەن خەۋەر ئۈچۈن ئىسپات ئورنىدا ئېلان قىلىنغان بىر سەتەڭ خانىمنىڭ فوتو رەسىمىنى كۆرگەن كىشىلەر ، ھېچبىر ھەيران قالماستىن تۇرۇپ، چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى ھەرخىل تېمىلار ھەققىدە مۇنازىرە قىلىنىدىغان تور بەتلىرىدە ئوبزور ئېلان قىلىپ 'ھازىر جۇڭگودا تېلېۋىزور راست بولغان بىلەن ئۇنىڭ ئىچىدىكى لېنتىغا ئالغان ئۈن بىلەن سىننىڭمۇ راستلىرى ئاز قالدى' دەپ يازغان.
مۇشۇ خەۋەردە فوتو سۈرىتى ئېلان قىلىنغان ئارتىست خانىم ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرىغا 'مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ماڭا ئەمدى بۇنداق تور بەتلىرى تاقىلىدۇ، دېيىش ئارقىلىق، مىنى بۇنداق مەسىلىنى ھەرگىز پاش قىلماسلىققا چاقىردى' دېدى.
شۇنىڭدىن كېيىن، چوڭ قۇرۇقلۇقتا 'ئون يەتتىنچى قېتىملىق جۇڭگو خەۋەرلىرى مۇكاپاتى'غا ئىرىشكەن يەنە بىر خەۋەرنىڭ يالغان ئىكەنلىكى 'ياڭجۇ كەچلىك گېزىتى'دە پاش قىلىندى. ب د ت مۇكاپاتىغا ئېرىشتى دەپ ئېلان قىلىنغان "مىڭ يىللىق قەدىمقى شەھەر" دېگەن خەۋەر، ئەمەلىيەتتە مەزكۇر گېزىتتە 2006 - يىلى 10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى بېسىلىپ چىقمىغان ئىدى. (ۋەلى)