ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى ياڭ جيەنلىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىدىغان قارار ماقۇللىدى
2006.04.11
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ كېڭەش ۋە ئاۋام پالاتا ئەزالىرى پرېزىدېنت بۇشتىن خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇجىنتاۋ بىلەن بۇ ئاينىڭ 20 - كۈنى ئۇچراشقاندا، خىتاي دېموكراتىيە پائالىيەتچىسى ياڭ جيەنلىنى قويۇپ بېرىشكە ئۈندەشنى تەلەپ قىلدى.
خىتاي دائىرىلىرى مەركىزى ئامېرىكىدىكى جۇڭگو 21 - ئەسىر فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ياڭ جيەنلىنى 2002 - يىلى قولغا ئالغاندىن كېيىن، تەيۋەنگە جاسۇسلۇق قىلىش ۋە جۇڭگو زېمىنىغا قانۇنسىز كىرىش بىلەن ئەيىبلىگەن ھەمدە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. 119 نەپەر ئاۋام پالاتا ئەزاسىنىڭ پرېزىدېنت بۇشقا يوللىغان خېتىدە " بىز سىزنىڭ رەئىس خۇ جىنتاۋنى ياڭ جيەنلىنى قويۇپ بەرسە، جۇڭگو ھېچنىمىسىدىن ئايرىلىپ قالمايدىغانلىقىغا قايىل قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز " دېيىلگەن.
ھېنرى خايد، بارنېي فرانك، تام لانتوس، كرىستوفىر سىمىت، مايكىل كاپۇانو قاتارلىق ئاۋام پالاتاسىدا زور تەسىر كۈچكە ئىگە زاتلار تەرىپىدىن يېزىلغان خەتتە، "ئەكسىچە جۇڭگو بۇنىڭدىن، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆز - ئارا ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىدە ئىجابىي دەسمايىگە ئىگە بولىدۇ " دەپ تەكىتلىگەن. پرېزىدېنت بۇش ياڭ جيەنلى مەسىلىسىنى ئۆتكەن يىلى خۇ جىنتاۋ بىلەن نيۇ يوركتا كۆرۈشكەندە ئوتتۇرىغا قويدى. لېكىن خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋ سەيشەنبە كۈنى ياڭجيەنلى دىلوسىنىڭ جۇڭگو قانۇنلىرى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ھەر قېتىم ئامېرىكا بىلەن يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتى ئېلىپ بېرىشتىن بۇرۇن تۈرمىدىكى بەزى ئۆكتىچىلەرنى قويۇپ بېرىپ كەلمەكتە. ئۇلار ئۆتكەن يىلى 3 - ئايدا ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىس بېيجىڭنى زىيارەت قىلىشتىن بۇرۇن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىرنى قويۇپ بەرگەن.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ۋۇ يى ئامېرىكا بىلەن سودا ھەمكارلىق توختىمى تۈزمەكچى
- خوڭكوڭ دېموكراتلار پارتىيىسى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىغا دوكلات سۇنماقچى
- خىتاي، ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشىلاشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
- روبېرت زولېيك، بېيجىڭدا خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى بويىچە سۆھبەت ئېلىپ باردى
- باۋ توڭ: خىتاي ھۆكۈمىتى دېموكراتىيىنى يولغا قويماي تۇرۇپ، مەۋجۇت مەسىلىلەرنى ھەل قىلالمايدۇ