ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى سەيشەنبە كۈنى خىتاي دېموكراتچىسى ياڭ جيەنلىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغانلىقىنىڭ 3 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئۇنى خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزدى.
يىغىنغا قاتناشقان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئاۋام پالاتا ئەزاسى بارنىي فرەنك بۇ مۇناسىۋەت بىلەن سۆز قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياڭ جيەنلىنى قولغا ئېلىشى، ھېچقانداق ئاساسى بولمىغان "ۋەھشىيانە بىر ھەرىكەت" دەپ بىلدۈردى.
ئۇ سۆزىدە يەنە، "خىتاي ھۆكۈمىتى چوقۇم شۇنى چۈشۈنۈپ يېتىشى كېرەككى، ئۇلار ياڭ جيەنلىگە داۋاملىق قوپال مۇئامىلە قىلىپ، ئاساسىي قانۇننى ھۆرمەت قىلمايدىكەن، ئۇلار ھەرگىزمۇ تاما قىلىپ كېلىۋاتقان خەلقئارا جامائىتىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ" دېدى.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتاسى ھەر ئىككىلىسى بىرلىكتە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ياڭ جيەنلىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش توغرىسىدا قارار ماقۇللىغان ئىدى. شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىمۇ ياڭ جيەنلىنىڭ قولغا ئېلىنىشىنىڭ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.
ياڭ جيەنلى 1989 - يىلىدىكى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار رەھبەرلىرىنىڭ بىر بولۇپ، مەزكۇر ھەرىكەت خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇ ئامېرىكىغا چىقىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ ئامېرىكىدىكى مەزگىلىدە ئاتاقلىق خارۋورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ 2004 - يىلى 4 - ئايدا خىتايغا بارغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى ئىشپىيونلۇق پائالىيىتى بىلەن شوغۇللانغان ۋە خىتايغا قانۇنسىز كىرگەن دېگەن جىنايەت بىلەن قولغا ئېلىپ، 5 يىللىق تۈرمىگە تاشلىغان ئىدى. (پەرىدە)